< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3 >

بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى. 1
شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. 2
ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. 3
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بىزگە قارا! ــ دېدى. 4
ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. 5
بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى، 6
ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، 7
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. 8
بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ 9
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. 10
[ساقايغان كىشى] پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا [ئىبادەتخانىدىكى] «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. 11
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ 12
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى [رىملىقلارغا] تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن [ۋالىي] پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار. 13
مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ [ۋالىي پىلاتۇستىن] ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. 14
شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز. 15
مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى. 16
ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. 17
لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. 18
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ 19
ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. 20
ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. (aiōn g165) 21
مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك! 22
چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». 23
دەرۋەقە، سامۇئىل [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان. 24
سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. 25
شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى. 26

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 3 >