< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2 >

ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. 1
ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. 2
ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. 3
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى. 4
ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. 5
ئەمدى [ئېتىقادچىلارنىڭ] بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە [ئېتىقادچىلارنىڭ] ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى. 6
ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ: ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟ 7
قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟ 8
ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 9
فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى. 10
11
ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى. 12
ئەمما بەزىلەر: ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى. 13
ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 14
بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 15
ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر: 16
ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ 17
بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ. 18
مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. 19
رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. 20
ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ». 21
ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ 22
ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. 23
لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. 24
داۋۇت [زەبۇردا] ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. 25
شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى، مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛ مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛ 26
چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن. (Hadēs g86) 27
سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن». 28
قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز [پادىشاھ] داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. 29
ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 30
ئۇ مەسىھنىڭ [ئۆلگەندىن كېيىن] تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. (Hadēs g86) 31
خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. 32
ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ [بىزلەرگە] چۈشۈردى. 33
چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى [زەبۇردا] ئېيتقان: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»». 34
35
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!». 36
بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن: ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. 37
پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. 38
چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ. 39
پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى. 40
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى [جامائەتكە] قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. 41
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، [ئېتىقادچىلارنىڭ] بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى. 42
ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. 43
پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى. 44
ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. 45
ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، 46
خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى. 47

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2 >