< ياقۇپ 3 >

قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردىن كۆپ كىشى تەلىم بەرگۈچى بولىۋالماڭلار! چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بىز [تەلىم بەرگۈچىلەر] باشقىلاردىن تېخىمۇ قاتتىق سوراققا تارتىلىمىز. 1
چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ. 2
مانا، بىز ئاتلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەنلىرىنى [خالىغان تەرەپكە] بۇرىيالايمىز. 3
مانا، كېمىلەرگىمۇ قاراڭلار؛ شۇنچىلىك يوغان بولسىمۇ، يەنە كېلىپ دەھشەتلىك شاماللار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ھەيدىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن رولچى قەيەرگە ئۇلارنى ھەيدەي دېسە، ئۇ كىچىككىنە بىر رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان تەرەپكە بۇرايدۇ. 4
شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل [تېنىمىزنىڭ] كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن تولىمۇ يوغان سۆزلەيدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت تۇتاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار! 5
تىل ــ دەرۋەقە بىر ئوتتۇر؛ ئۇ ئەزالىرىمىز ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ قەبىھلىككە تولغان بىر ئالەم بولىدۇ. ئۇ پۈتكۈل تەننى بۇلغىغۇچىدۇر؛ ئۇ دوزاخ ئوتىدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل تەبىئەتنىڭ چاقىغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ! (Geenna g1067) 6
چۈنكى ھەرتۈرلۈك ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ھەم دېڭىزدىكى مەخلۇقلار ئىنسانىيەت تەرىپىدىن كۆندۈرۈلمەكتە ھەمدە كۆندۈرۈلگەنىدى. 7
ئەمما تىلنى ھېچكىم كۆندۈرەلمەيدۇ؛ ئۇ تىنىمسىز رەزىل بىر نەرسە بولۇپ، جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە تولغاندۇر. 8
بىز تىلىمىز بىلەن پەرۋەردىگار ئاتىمىزغا شانۇ-تەشەككۈر قايتۇرىمىز، ۋە يەنە ئۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان ئىنسانلارنى قارغايمىز. 9
دېمەك، ئوخشاش بىر ئېغىزدىن ھەم تەشەككۈر-مۇبارەك ھەم لەنەت-قارغاش چىقىدۇ. ئى قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! 10
بىر بۇلاق ئوخشاش بىر كۆزدىن بىرلا ۋاقىتتا تاتلىق ھەم قىرتاق سۇ چىقىرامدۇ؟ 11
ئى قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ياكى ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بېرەلەمدۇ؟ ھەم تۇزلۇق [بۇلاق] تاتلىق سۇنىمۇ چىقىرالمايدۇ. 12
ئاراڭلاردا كىم دانا ۋە پەملىك؟ پەزىلەتلىك يۈرۈش-تۇرۇشىدىن ئۇ دانالىققا خاس بولغان مۆمىن-كەمتەرلىك بىلەن ئەمەللىرىنى كۆرسەتسۇن! 13
لېكىن ئەگەر قەلبىڭلاردا ئاچچىق ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولسا، ئەمدى يالغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارماڭلار، ماختانماڭلار. 14
بۇنداق «دانالىق» ئەرشتىن ئەمەس، بەلكى دۇنياغا، ئىنسان تەبىئىيىتىگە خاس بولۇپ، جىن-شەيتاندىن كەلگەندۇر. 15
چۈنكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرا بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەرخىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 16
لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر. 17
ھەققانىيلىق ئۇرۇقلىرى تىنچلىقپەرۋەرلەر ئارىسىدا چېچىلىپ، تىنچلىق ئىچىدە مېۋە بېرىدۇ. 18

< ياقۇپ 3 >