< ياقۇپ 4 >

ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟ 1
سىلەر ئارزۇ-ھەۋەس قىلىسىلەر، لېكىن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارغا ئېرىشمەيسىلەر؛ ئادەم ئولتۇرىسىلەر، ھەسەت قىلىسىلەر، لېكىن ئېرىشەلمەيسىلەر؛ جېدەل-ماجىرا چىقىرىپ جەڭ قىلىسىلەر. ئېرىشمەيسىلەر، چۈنكى تىلىمەيسىلەر. 2
تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن رەزىل نىيەتلەر بىلەن تىلەيسىلەر. 3
ئەي زىناخورلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ كىمدىكىم بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولسا، ئۆزىنى خۇدانىڭ دۈشمىنى قىلىدۇ. 4
مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟ 5
لېكىن [خۇدا] بەرگەن مېھىر-شەپقەت بۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭ تۈپەيلىدىن مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ» دەپ يېزىلغاندۇر. 6
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا بويسۇنۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار؛ [شۇنداق قىلساڭلار] ئۇ سىلەردىن قاچىدۇ. 7
خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. 8
[گۇناھلىرىڭلارغا] قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. 9
رەبنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە شۇنداق قىلغاندا ئۇ سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. 10
ئى قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. كىمدىكىم قېرىندىشىنى سۆكسە ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلسا، تەۋرات قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ قانۇن ئۈستىدىن [توغرا-ناتوغرا دەپ] ھۆكۈم قىلساڭ، قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنى [ئۇنىڭ ئۈستىدىن] ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىۋالغان بولىسەن. 11
قۇتقۇزۇشقا ۋە ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان، قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى پەقەت بىردۇر! شۇنداق ئىكەن، سەن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇدەك زادى كىمسەن؟ 12
ھەي، «بۈگۈن ياكى ئەتە پالانى-پۈكۈنى شەھەرگە بارىمىز، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرۇپ، تىجارەت قىلىپ پايدا تاپىمىز» دېگۈچىلەر بۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! 13
ئەي ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار، ھاياتىڭلار نېمىگە ئوخشايدۇ؟ ئۇ خۇددى غىل-پال پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان بىر پارچە تۇمان، خالاس. 14
بۇنىڭ ئورنىغا، «رەب بۇيرۇسا، ھايات بولساق، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دېيىشىڭلار كېرەك. 15
لېكىن ئەمدى سىلەر ھازىر ئۇنداق يوغان گەپلىرىڭلار بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق ماختىنىشلارنىڭ ھەممىسى رەزىل ئىشتۇر. 16
شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 17

< ياقۇپ 4 >