< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4 >

پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، كاھىنلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىيلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدى. 1
ئۇلار [روسۇللارنىڭ] خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى. 2
ئۇلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەتىسىگىچە تۈرمىگە سولاپ قويدى، چۈنكى كەچ كىرىپ قالغانىدى. 3
لېكىن جار قىلىنغان سۆز-كالامنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ئېتىقاد قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. 4
ئەتىسى، [يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى] باشلىقلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. 5
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن ئانناس، قايافاس، يۇھاننا، ئىسكەندەر ۋە باش كاھىننىڭ باشقا جەمەتىدىكىلەر بار ئىدى. 6
ئۇلار [پېترۇس بىلەن يۇھاننانى] ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ: ــ سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ ياكى كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 7
پېترۇس مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان ھالدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى! 8
ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەل ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، 9
سىلەر ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلسۇنكى، سىلەر كرېستلىگەن، ئەمما خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئۇنىڭ [كۈچ-قۇدرىتى] ئارقىلىق بۇ كىشى مۇشۇ يەردە ئالدىڭلاردا پۈتۈنلەي ساق-سالامەت تۇرىدۇ! 10
بۇ [ئەيسا] بولسا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، دەل سىلەر تامچىلار ئېتىبارسىز دەپ تاشلىۋەتكەن، بىراق بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەنگەن تاشتۇر. 11
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدە نىجاتلىق يوق، چۈنكى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدا ئىنسانلار ئارىسىغا تەقدىم قىلىنغان، ئەيسادىن باشقا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق بىر نام يوقتۇر. 12
پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى؛ ئۇلارنىڭ بۇرۇن ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. 13
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساقايغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. 14
شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلار ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: 15
ــ بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن خېلى كۆرۈنەرلىك مۆجىزىلىك بىر ئالامەت يۈز بەرگەنلىكى پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئايان بولدى ۋە بىز ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. 16
لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى. 17
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چاقىرتىپ، بۇندىن كېيىن ئەيسانىڭ نامىدا ھېچ سۆزلىمەسلىك ياكى تەلىم بەرمەسلىكنى قەتئىي بۇيرۇدى. 18
لېكىن پېترۇس بىلەن يۇھاننا: ــ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئىتائەت قىلىش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! 19
ئەمما بىز بولساق، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 20
[ھۆكۈمرانلار] بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئۇلارنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارغا تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى خالايىق بولغان ۋەقە تۈپەيلىدىن خۇدانى ئۇلۇغلىغانىدى. 21
چۈنكى بۇ ساقايتىلىش مۆجىزىلىك ئالامىتى كۆرسىتىلگەن كىشىنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقانىدى. 22
ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. 23
ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندا، ئاۋازىنى بىر نىيەت بىر دىل بىلەن خۇداغا كۆتۈرۈپ مۇنداق نىدا قىلدى: ــ ئى ئىگىمىز، سەن ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدادۇرسەن. 24
سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ 25
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، ئەمەلدارلار يىغىلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشقا جەم بولۇشتى». 26
ــ چۈنكى دەرۋەقە دەل بۇ شەھەردە ھېرود ھەم پونتىئۇس پىلاتۇس، يات ئەللىكلەر ھەم ئىسرائىل خەلقلىرى بىرلىشىپ، سەن مەسىھلىگەن مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيساغا قارشى چىقىپ توپلانغانىدى، 27
شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان. 28
ئەمدى ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن، قۇللىرىڭنى سۆز-كالامىڭنى تولۇق يۈرەكلىك بىلەن سۆزلەپ يەتكۈزىدىغان قىلغايسەن؛ 29
ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قولۇڭنى ئۇزىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى ياراتقايسەن. 30
ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشقاندا، ئۇلار تۇرغان يەر تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يۈرەكلىك سۆزلەپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى. 31
توپ-توپ ئېتىقادچىلار بىر جان-بىر دىل، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بەلكى ھەممىسىگە ئورتاق ئىدى. 32
روسۇللار زور كۈچ-قۇدرەت بىلەن رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدانىڭ زور مېھرى-شەپقىتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قوندى. 33
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى يەر-زېمىن، ئۆي-جاي ئىگىدارلىرى بولغانلار ئۇلارنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىپ 34
روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا قوياتتى؛ ئاندىن ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىناتتى. 35
ئۇلارنىڭ ئىچىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىرسى بار ئىدى (روسۇللار ئۇنى بارناباس، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى ئوغۇل بالا» دەپ ئاتىغان)؛ 36
ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئېتىزى بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يولدا ئۇنى سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ روسۇللارنىڭ ئايىغى ئالدىغا تاپشۇردى. 37

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4 >