< تىموتىيغا 2 3 >

ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. 1
ئۇ چاغدىكى ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر، كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى تىڭشىمايدىغان، تۇزكور، ئىپلاس، 2
كۆيۈمسىز، كەچۈرۈمسىز، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، خەير-ساخاۋەتلىككە دۈشمەن، 3
ساتقۇن، تەلۋە، شۆھرەتپەرەس، ھۇزۇر-ھالاۋەتنى خۇدادىن ياخشى كۆرىدىغان، 4
سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. 5
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۆيمۇ-ئۆي سوقۇنۇپ كىرىپ، گۇناھلار بىلەن بېسىلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللارنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ. 6
بۇنداق ئاياللار دائىم تەلىم ئالسىمۇ، ھەرگىز ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 7
ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ [ئازدۇرغۇچىلارمۇ] ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. ئۇلار زېھىن-كۆڭۈللىرى چىرىگەن، ئېتىقاد جەھەتتە داشقال دەپ ئىسپاتلانغان كىشىلەردۇر. 8
لېكىن ئەمدى ئۇلار بۇ يولدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ؛ چۈنكى [ياننىس بىلەن يامبرىس]نىڭ ھاماقەتلىكى ئوچۇق كۆرۈنگەندەك، بۇلارنىڭمۇ ھەممىگە كۆرۈنىدۇ. 9
لېكىن سەن بولساڭ مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، مەقسەت-ئىرادىلىرىم، ئىشەنچ-ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم، مەن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ، شۇنداقلا مەن بەرداشلىق بەرگەن شۇنچە زىيانكەشلىكلەردىن تولۇق خەۋىرىڭ بار؛ رەب ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن مېنى قۇتقۇزدى. 10
11
دەرۋەقە، مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 12
لېكىن رەزىل ئادەملەر ۋە ئېزىتقۇ-كاززاپلار بەرىبىر باشقىلارنىمۇ ئالداپ، ئۆزىمۇ ئالدىنىپ، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىدۇ. 13
لېكىن سەن بولساڭ، ئۆگەنگەن ۋە تولۇق ئىشەندۈرۈلگەن ھەقىقەتلەردە چىڭ تۇر؛ چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن، 14
ھەمدە بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى بىلىپ كەلدىڭ؛ بۇلارنىڭ ساڭا مەسىھ ئەيساغا باغلانغان ئېتىقاد ئارقىلىق بولغان نىجات توغرۇلۇق سېنى دانا قىلالايدىغانلىقىنى بىلىسەن. 15
پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تەلىم بېرىش، تەنبىھ بېرىش، خاتالىقلارنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيەت يولىغا باشلاشقا پايدىلىقتۇر. 16
بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ. 17

< تىموتىيغا 2 3 >