< تىتۇسقا 1 >

خۇدانىڭ تاللىغانلىرىغا ئامانەت بولغان ئېتىقاد ۋە ئىخلاسمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەتنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەن، خۇدانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ساڭا سالام ــ 1
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛ (aiōnios g166) 2
لېكىن [ھازىر] ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كېلىپ قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا بۇنىڭ كالام-خەۋىرىنى ئۆز ئەمرى بىلەن ماڭا تاپشۇرغان جاكار ئارقىلىق ئاشكارىلىدى) 3
ــ ئورتاق ئېتىقادىمىزدا ئۆز ئوغلۇم بولغان تىتۇسقا سالام! خۇدائاتىمىز ۋە نىجاتكارىمىز مەسىھ ئەيسادىن ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 4
سېنى كرېت ئارىلىدا قالدۇرۇشتىكى سەۋەب، ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ھەر شەھەردە ساڭا تاپىلىغىنىمدەك جامائەتكە ئاقساقاللارنى تەيىنلىشىڭ ئۈچۈن ئىدى. 5
ئاقساقاللىققا تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز بولۇشى، بىر ئاياللىق، پەرزەنتلىرى بولسا ئېتىقاد قىلغۇچى بولۇشى ۋە ئىشلىرىدا شاللاقلىق قىلىدىغان ياكى [ئاتا-ئانىسىغا] بويسۇنمايدىغان ئەيىبلىرى بولمىغان بولۇشى كېرەك. 6
چۈنكى جامائەتنىڭ يېتەكچىسى خۇدانىڭ [ئائىلىسىگە] غوجىدار بولۇش سۈپىتىدە، ئەيىبسىز بولۇشى كېرەك؛ باشباشتاق ئەمەس، تېرىككەك ئەمەس، ھاراق-شارابقا بېرىلگەن ئەمەس، زوراۋان ئەمەس، نەپسانىيەتچى ئەمەس، 7
بەلكى مېھماندوست، ساخاۋەتلىك، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، سالماق، ئادىل، ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولۇشى لازىم. 8
ئۇ يەنە ساغلام تەلىم بىلەن رىغبەت-تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋە قارشى چىققۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، تاپشۇرۇلغان تەلىمدىكى ئىشەنچلىك كالام-سۆزدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. 9
چۈنكى ھازىر بىمەنە سۆز قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان كۆپلىگەن كىشىلەر بار، بولۇپمۇ خەتنىلىكلەردىن چىققانلار بار. 10
ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىش كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار ھارام دۇنيانى دەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولمىغان تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، ھەتتا پۈتۈن ئائىلىلەرنى نابۇت قىلماقتا. 11
شۇلاردىن بىرى، يەنى [كرېت ئارىلىدىكىلەرنىڭ] ئۆزىنىڭ بىر پەيغەمبىرى: «كرېتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدىغانلار، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن تويماسلاردۇر» دېگەن. 12
بۇ گۇۋاھلىق ھەقىقەتتۇر؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ساغلام تۇرۇشى ئۈچۈن، شۇنداقلا يەھۇدىي ئەپسانىلەرگە ۋە ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلەر توقۇۋالغان ئىنسانىي قائىدە-بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ ئاگاھلاندۇرغىن. 13
14
پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە پاك؛ لېكىن بۇلغانغان ناپاكلار ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە پاك ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. 15
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەللىرىدە ئۇنىڭدىن تانىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يىرگىنچلىكلەر، ھېچگەپ ئاڭلىمايدىغانلار، ھېچقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يارىمايدىغانلاردۇر. 16

< تىتۇسقا 1 >