< پېترۇس 2 1 >

ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى ۋە روسۇلى بولغان مەنكى سىمېئون پېترۇستىن خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر قىلىنغانلارغا سالام! 1
سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى چوڭقۇر تونۇغانسېرى، مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاشقاي! 2
بۇ [دۇئايىمنىڭ] ئاساسى ــ بىز بىزنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنى چوڭقۇر تونۇغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىلاھىي كۈچ-قۇدرىتى ھاياتىمىزغا ۋە ئىخلاسمەنلىكتە مېڭىشىمىزغا كېرەكلىك بولغان ھەممىنى ئاتا قىلدى. 3
ئۇ مۇشۇ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قىممەتلىك، ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىلەرنى بەردى، بۇلار بىلەن سىلەر بۇ دۇنيادىكى ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن بولغان ئىپلاسلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدالىق تەبىئەتكە ئورتاق نېسىپ بولالايسىلەر. 4
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا بىلىمنى، 5
بىلىمىڭلارغا تەمكىنلىكنى، تەمكىنلىكىڭلارغا چىداملىقنى، چىداملىقىڭلارغا ئىخلاسمەنلىكنى، 6
ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقنى، قېرىنداشلىق مېھرىبانلىقىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى قوشۇشقا ئىنتىلىڭلار. 7
چۈنكى بۇ خۇسۇسىيەتلەر سىلەردە بار بولسا، شۇنداقلا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇلار سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى چوڭقۇر تونۇشقا [ئىنتىلىشتە] ئىش-ئەمەلسىز ۋە مېۋىسىز قالدۇرمايدۇ. 8
ئەممە ئەگەر بىرسىدە بۇلار كەم بولسا، ئۇ كور ئادەمدۇر ــ ئۇ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغىنىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. 9
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، سىلەر [خۇدا تەرىپىدىن] چاقىرىلغانلىقىڭلارنى، شۇنداقلا تاللانغانلىقىڭلارنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىنتىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان تېيىلىپ كەتمەيسىلەر. 10
شۇنداق بولغاندا رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. (aiōnios g166) 11
شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن بولساڭلارمۇ، شۇنداقلا بىزگە ئىگە قىلىنغان ھەقىقەتتە مۇستەھكەملەنگەن بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 12
دەرۋەقە، مەن مۇشۇ چېدىرىمدا بولساملا، بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆرىمەن. 13
چۈنكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، مېنىڭ بۇ چېدىرىم پات ئارىدا ئۇچامدىن سېلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. 14
بەرھەق، مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكىنىمدىن كېيىنمۇ ھەرۋاقىت ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىنتىلىمەن. 15
چۈنكى بىز سىلەرگە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە ھازىر بولۇشىنى ئۇقتۇرغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ ھىيلىگەرلىكتىن ئويدۇرۇپ چىقىلغان رىۋايەتلەرگە ئەگەشمىدۇق، بەلكى بىز ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك شان-شۆھرىتىگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچىمىز. 16
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىدىن شان-شۆھرەت ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئاشۇ ئۇلۇغ شان-شەرەپلىك يەردىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن شۇنداق زور بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلۈپ ئاڭلاندى. 17
مۇقەددەس تاغدا بىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇرغان بولغاچقا، ئەرشتىن بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا بىزمۇ ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئۇنى ئاڭلىدۇق. 18
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر). 19
شۇنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھېچقايسى ۋەھىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە يەتكۈزۈلگەن ئەمەس. 20
چۈنكى ھېچقانداق ۋەھىي-بېشارەت ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلگەن ئەمەس، ئۇ بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس ئادەملىرى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئېيتقان سۆز-كالامدۇر. 21

< پېترۇس 2 1 >