< يۇھاننا 1 1 >

ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا [سىلەرگە بايان قىلىمىز] 1
(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) (aiōnios g166) 2
ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر. 3
سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز. 4
ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. 5
ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. 6
لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ. 7
ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ. 8
گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر. 9
ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 10

< يۇھاننا 1 1 >