< ارمیا 15 >

و خداوند مرا گفت: «اگر‌چه هم موسی و سموئیل به حضور من می‌ایستادندجان من به این قوم مایل نمی شد. ایشان را ازحضور من دور انداز تا بیرون روند. ۱ 1
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن!
و اگر به توبگویند به کجا بیرون رویم، به ایشان بگو: خداوندچنین می‌فرماید: آنکه مستوجب موت است به موت و آنکه مستحق شمشیر است به شمشیر وآنکه سزاوار قحط است به قحط و آنکه لایق اسیری است به اسیری. ۲ 2
ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن.
و خداوند می‌گوید: برایشان چهار قسم خواهم گماشت: یعنی شمشیربرای کشتن و سگان برای دریدن و مرغان هوا وحیوانات صحرا برای خوردن و هلاک ساختن. ۳ 3
چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛
وایشان را در تمامی ممالک جهان مشوش خواهم ساخت. به‌سبب منسی ابن حزقیا پادشاه یهودا وکارهایی که او در اورشلیم کرد. ۴ 4
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن.
زیرا‌ای اورشلیم کیست که بر تو ترحم نماید و کیست که برای تو ماتم گیرد و کیست که یکسو برود تا ازسلامتی تو بپرسد؟ ۵ 5
چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟
خداوند می‌گوید: چونکه تومرا ترک کرده، به عقب برگشتی من نیز دست خودرا بر تو دراز کرده، تو را هلاک ساختم زیرا که ازپشیمان شدن بیزار گشتم. ۶ 6
سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن [ساڭا] ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم.
و ایشان را دردروازه های زمین با غربال خواهم بیخت و قوم خود را بی‌اولاد ساخته، هلاک خواهم نمودچونکه از راههای خود بازگشت نکردند. ۷ 7
شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى.
بیوه‌زنان ایشان برایم از ریگ دریا زیاده شده‌اند، پس بر ایشان در وقت ظهر بر مادر جوانان تاراج کننده‌ای خواهم آورد و ترس و آشفتگی رابر شهر ناگهان مستولی خواهم گردانید. ۸ 8
كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن.
زاینده هفت ولد زبون شده، جان بداد و آفتاب او که هنوز روز باقی بود غروب کرد و او خجل و رسواگردید. و خداوند می‌گوید: من بقیه ایشان را پیش روی دشمنان ایشان به شمشیر خواهم سپرد.» ۹ 9
يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز [مەغرىپكە] پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
وای بر من که تو‌ای مادرم مرا مرد جنگجوو نزاع کننده‌ای برای تمامی جهان زاییدی. نه به ربوا دادم ونه به ربوا گرفتم. معهذا هر یک از ایشان مرا لعنت می‌کنند. ۱۰ 10
ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ!
خداوند می‌گوید: «البته تورا برای نیکویی رها خواهم ساخت و هر آینه دشمن را در وقت بلا و در زمان تنگی نزد تومتذلل خواهم گردانید. ۱۱ 11
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن.
آیا آهن می‌تواند آهن شمالی و برنج را بشکند؟ ۱۲ 12
تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟
توانگری وخزینه هایت را نه به قیمت، بلکه به همه گناهانت و در تمامی حدودت به تاراج خواهم داد. ۱۳ 13
بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛
و تورا همراه دشمنانت به زمینی که نمی دانی خواهم کوچانید زیرا که ناری در غضب من افروخته شده شما را خواهد سوخت.» ۱۴ 14
مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ.
‌ای خداوند تو این را می‌دانی پس مرا بیادآورده، از من تفقد نما و انتقام مرا از ستمکارانم بگیر و به دیرغضبی خویش مرا تلف منما و بدان که به‌خاطر تو رسوایی را کشیده‌ام. ۱۵ 15
ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن.
سخنان تویافت شد و آنها را خوردم و کلام تو شادی وابتهاج دل من گردید. زیرا که به نام تو‌ای یهوه خدای صبایوت نامیده شده‌ام. ۱۶ 16
سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا!
در مجلس عشرت کنندگان ننشستم و شادی ننمودم. به‌سبب دست تو به تنهایی نشستم زیرا که مرا ازخشم مملو ساختی. ۱۷ 17
مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ.
درد من چرا دایمی است و جراحت من چرا مهلک و علاج ناپذیر می‌باشد؟ آیا تو برای من مثل چشمه فریبنده و آب ناپایدارخواهی شد؟ ۱۸ 18
مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟
بنابراین خداوند چنین می‌گوید: «اگربازگشت نمایی من بار دیگر تو را به حضور خودقایم خواهم ساخت و اگر نفایس را از رذایل بیرون کنی، آنگاه تو مثل دهان من خواهی بود وایشان نزد تو خواهند برگشت و تو نزد ایشان بازگشت نخواهی نمود. ۱۹ 19
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك [سۆزلەر] بىلەن ئەرزىمەس [سۆزلەرنى] پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛
و من تو را برای این قوم دیوار برنجین حصاردار خواهم ساخت و باتو جنگ خواهند نمود، اما بر تو غالب نخواهندآمد زیرا خداوند می‌گوید: من برای نجات دادن ورهانیدن تو با تو هستم. ۲۰ 20
ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
و تو را از دست شریران خواهم رهانید و تو را از کف ستمکیشان فدیه خواهم نمود.» ۲۱ 21
ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن.

< ارمیا 15 >