کلام خداوند که درباره خشک سالی به ارمیا نازل شد. | ۱ 1 |
يەرەمىياغا چۈشكەن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى: ــ |
«یهودا نوحه گری میکند و دروازه هایش کاهیده شده، ماتمکنان بر زمین مینشینند و فریاداورشلیم بالا میرود. | ۲ 2 |
يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى زاۋالغا يۈز تۇتماقتا، خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە. |
و شرفای ایشان صغیران ایشان را برای آب میفرستند و نزد حفره هامی روند و آب نمی یابند و با ظرفهای خالی برگشته، خجل و رسوا میشوند و سرهای خود رامی پوشانند. | ۳ 3 |
مۆتىۋەرلىرى چاپارمەنلىرىنى سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇلار سۇ ئازگاللىرىغا بارىدۇ، لېكىن ھېچ سۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۈپلىرى قۇرۇق قايتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە قاراپ قالىدۇ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. |
بهسبب اینکه زمین منشق شده است چونکه باران بر جهان نباریده است. فلاحان خجل شده، سرهای خود را میپوشانند. | ۴ 4 |
ھېچ يامغۇر بولمىغاچقا يەر يۈزى يېرىلىپ كەتتى؛ يەر ھەيدىگۈچىلەر يەرگە قاراپ بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. |
بلکه غزالها نیز در صحرا میزایند و (اولاد خود را)ترک میکنند چونکه هیچ گیاه نیست. | ۵ 5 |
مارال بولسا دالادا بالا قوزىلايدۇ، ئاندىن قوزىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ چۈنكى ئوت-چۆپ يوق. |
وگورخران بر بلندیها ایستاده، مثل شغالها برای باددم میزنند و چشمان آنها کاهیده میگردد چونکه هیچ علفی نیست.» | ۶ 6 |
ياۋا ئېشەكلەر ئېگىزلىكلەردە تۇرۇپ چىلبۆرىلەردەك ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئوزۇق ئىزدەپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئوزۇق يوق. |
ای خداوند اگرچه گناهان ما بر ما شهادت میدهد اما بهخاطر اسم خود عمل نما زیرا که ارتدادهای ما بسیار شده است و به تو گناه ورزیدهایم. | ۷ 7 |
ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. |
ای تو که امید اسرائیل ونجاتدهنده او در وقت تنگی میباشی چرا مثل غریبی در زمین و مانند مسافری که برای شبی خیمه میزند شدهای؟ | ۸ 8 |
ئى ئىسرائىلنىڭ ئارزۇسى، كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغۇچى، سەن نېمىشقا بىزگە زېمىنىمىزدىكى مۇساپىردەك، بىر كېچىلا قونماقچى بولغان بىر يولۇچىدەك بولىسەن؟ |
چرا مثل شخص متحیرو مانند جباری که نمی تواند نجات دهد هستی؟ اما توای خداوند در میان ما هستی و ما به نام تونامیده شدهایم پس ما را ترک منما. | ۹ 9 |
نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە! |
خداوند به این قوم چنین میگوید: «ایشان به آواره گشتن چنین مایل بودهاند و پایهای خودرا باز نداشتند. بنابراین خداوند ایشان را مقبول ننمود و حال عصیان ایشان را به یاد آورده، گناه ایشان را جزا خواهد داد.» | ۱۰ 10 |
پەرۋەردىگار مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار دەرھەقىقەت [مەندىن] تېزىپ، كېزىشكە ئامراقتۇر؛ ئۇلار قەدەملىرىنى [يامان يولدىن] ھېچ تىزگىنلىمەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق خۇرسەنلىكى يوق؛ ئەمدى ھازىر ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ. |
و خداوند به من گفت: «برای خیریت این قوم دعا منما! | ۱۱ 11 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ خەلقنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلما ــ دېدى. |
چون روزه گیرند ناله ایشان را نخواهم شنید و چون قربانی سوختنی و هدیه آردی گذرانند ایشان راقبول نخواهم فرمود بلکه من ایشان را به شمشیر وقحط و وبا هلاک خواهم ساخت.» | ۱۲ 12 |
ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن. |
پس گفتم: «آهای خداوند یهوه اینک انبیا به ایشان میگویند که شمشیر را نخواهید دید وقحطی به شما نخواهد رسید بلکه شما را در این مکان سلامتی پایدار خواهم داد.» | ۱۳ 13 |
مەن بولسام: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «سىلەر قىلىچنى ھېچ كۆرمەيسىلەر، قەھەتچىلىككىمۇ دۇچ كەلمەيسىلەر؛ چۈنكى مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەيدۇ، ــ دېدىم. |
پس خداوند مرا گفت: «این انبیا به اسم من به دروغ نبوت میکنند. من ایشان را نفرستادم و به ایشان امری نفرمودم و تکلم ننمودم، بلکه ایشان به رویاهای کاذب و سحر و بطالت و مکر دلهای خویش برای شما نبوت میکنند. | ۱۴ 14 |
ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە. |
بنابراین خداوند درباره این انبیا که به اسم من نبوت میکنند و من ایشان را نفرستادهام و میگویند که شمشیر و قحط در این زمین نخواهد شد میگویدکه این انبیا به شمشیر و قحط کشته خواهند شد. | ۱۵ 15 |
شۇڭا پەرۋەردىگار: ــ مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛ |
و این قومی که برای ایشان نبوت میکنند درکوچه های اورشلیم بهسبب قحط و شمشیرانداخته خواهند شد و کسی نخواهد بود که ایشان و زنان ایشان و پسران و دختران ایشان را دفن کندزیرا که شرارت ایشان را بر ایشان خواهم ریخت. | ۱۶ 16 |
ئۇلار بېشارەت بەرگەن خەلقنىڭ بولسا، قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاياللىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى كۆمگۈدەك ھېچكىم قالمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا تۆكىمەن. |
پس این کلام را به ایشان بگو: چشمان من شبانهروز اشک میریزد و آرامی ندارد زیرا که آن دوشیزه یعنی دختر قوم من به شکستگی عظیم وصدمه بینهایت سخت شکسته شده است. | ۱۷ 17 |
سەن ئۇلارغا شۇ سۆزنى ئېيتىسەن: ــ «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز ياش توختىمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم يارىسى بۆسۈلگەندەك قاتتىق بىر زەرب يەپ، ئىنتايىن ئېغىر يارىلاندى»، ــ دەيدۇ. |
اگربه صحرا بیرون روم اینک کشتگان شمشیر و اگربه شهر داخل شوم اینک بیماران از گرسنگی. زیراکه هم انبیا و کهنه در زمین تجارت میکنند و هیچ نمی دانند.» | ۱۸ 18 |
مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. |
آیا یهودا را بالکل ترک کردهای و آیا جانت صهیون را مکروه داشته است؟ چرا ما را چنان زدهای که برای ما هیچ علاجی نیست؟ برای سلامتی انتظار کشیدیم اما هیچ خیری نیامد وبرای زمان شفا و اینک اضطراب پدید آمد. | ۱۹ 19 |
سەن يەھۇدادىن نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ؟ جېنىڭ زىئوندىن زېرىكتىمۇ؟ سەن نېمىشقا بىزنى شۇنچە داۋالىغۇسىز دەرىجىدە ئۇرغانىدىڭ؟ بىز ئارام-تىنچلىقنى كۈتتۇق، لېكىن ھېچ قۇتلۇق كۈنلەر يوقتۇر؛ شىپالىق بىر ۋاقىتنى كۈتتۇق، لېكىن مانا دەككە-دۈككە ئىچىدىدۇرمىز! |
ای خداوند به شرارت خود و به عصیان پدران خویش اعتراف مینماییم زیرا که به تو گناه ورزیدهایم. | ۲۰ 20 |
ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. |
بهخاطر اسم خود ما را رد منما. کرسی جلال خویش را خوار مشمار. عهد خودرا که با ما بستی به یاد آورده، آن را مشکن. | ۲۱ 21 |
ئۆزۈڭ نامىڭ ئۈچۈن [يېرۇسالېمنى] كۆزۈڭگە ئىلماي قويمىغايسەن؛ شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن؛ ئەھدەڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئۇنى بۇزمىغايسەن! |
آیادر میان اباطیل امتها هستند که باران ببارانند و آیا آسمان میتواند بارش بدهد؟ مگر توای یهوه خدای ما همان نیستی و به تو امیدوار هستیم چونکه تو فاعل همه اینکارها میباشی. | ۲۲ 22 |
ئەللەر چوقۇنىدىغان «ئەرزىمەسلەر» ئارىسىدا يامغۇر ياغدۇرغۇچى بارمىدۇ؟ يېغىننى ئاسمانلار ئۆزلىرىلا بېرەمدۇ؟ [بۇلارنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى] سەن ئەمەسمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز! شۇڭا سېنى تەلپۈنۈپ كۈتىمىز؛ چۈنكى سەنلا بۇلارنى قىلغۇچىدۇرسەن. |