< ارمیا 4 >

بازگشت نمایی، اگر نزد من بازگشت نمایی و اگر رجاسات خود را از خود دور نمایی پراکنده نخواهی شد. ۱ 1
ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ،
و به راستی و انصاف و عدالت به حیات یهوه قسم خواهی خورد و امت هاخویشتن را به او مبارک خواهند خواند و به وی فخر خواهند کرد.» ۲ 2
ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ.
زیرا خداوند به مردان یهودا و اورشلیم چنین می‌گوید: «زمینهای خود را شیار کنید و درمیان خارها مکارید. ۳ 3
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!
‌ای مردان یهودا و ساکنان اورشلیم خویشتن را برای خداوند مختون سازیدو غلفه دلهای خود را دور کنید مبادا حدت خشم من به‌سبب بدی اعمال شما مثل آتش صادرشده، افروخته گردد و کسی آن را خاموش نتواندکرد. ۴ 4
ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.
در یهودا اخبار نمایید و در اورشلیم اعلان نموده، بگویید و در زمین کرنا بنوازید و به آوازبلند ندا کرده، بگویید که جمع شوید تا به شهرهای حصاردار داخل شویم. ۵ 5
ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار!
علمی بسوی صهیون برافرازید و برای پناه فرار کرده، توقف منمایید زیرا که من بلایی و شکستی عظیم ازطرف شمال می‌آورم. ۶ 6
زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن.
شیری از بیشه خودبرآمده و هلاک کننده امت‌ها حرکت کرده، از مکان خویش درآمده است تا زمین تو را ویران سازد و شهرهایت خراب شده، غیرمسکون گردد. ۷ 7
شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ.
از این جهت پلاس پوشیده، ماتم گیرید و ولوله کنید زیرا که حدت خشم خداوند از ما برنگشته است. ۸ 8
بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى!
و خداوند می‌گوید که در آن روز دل پادشاه و دل سروران شکسته خواهد شد و کاهنان متحیر و انبیا مشوش خواهند گردید.» ۹ 9
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ.
پس گفتم: «آه‌ای خداوند یهوه! به تحقیق این قوم و اورشلیم را بسیار فریب دادی زیرا گفتی شما را سلامتی خواهد بود و حال آنکه شمشیر به‌جان رسیده است.» ۱۰ 10
ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم.
در آن زمان به این قوم و به اورشلیم گفته خواهد شد که باد سموم ازبلندیهای بیابان بسوی دختر قوم من خواهد وزیدنه برای افشاندن و پاک کردن خرمن. ۱۱ 11
ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ!
باد شدیداز اینها برای من خواهد وزید و من نیز الان برایشان داوری‌ها خواهم فرمود. ۱۲ 12
ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن.
اینک او مثل ابر می‌آید و ارابه های او مثل گردباد و اسبهای اواز عقاب تیزروترند. وای بر ما زیرا که غارت شده‌ایم. ۱۳ 13
مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!»
‌ای اورشلیم دل خود را از شرارت شست وشو کن تا نجات یابی! تا به کی خیالات فاسد تو در دلت بماند؟ ۱۴ 14
ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟
زیرا آوازی از دان اخبار می‌نماید و از کوهستان افرایم به مصیبتی اعلان می‌کند. ۱۵ 15
چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ
امت‌ها را اطلاع دهید، هان به ضد اورشلیم اعلان کنید که محاصره کنندگان از ولایت بعیدمی آیند و به آواز خود به ضد شهرهای یهودا ندامی کنند. ۱۶ 16
ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ.
خداوند می‌گوید که مثل دیده بانان مزرعه او را احاطه می‌کنند چونکه بر من فتنه انگیخته است. ۱۷ 17
ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
راه تو و اعمال تو این چیزها رابر تو وارد آورده است. این شرارت تو به حدی تلخ است که به دلت رسیده است. ۱۸ 18
سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!».
احشای من احشای من، پرده های دل من ازدرد سفته شد و قلب من در اندرونم مشوش گردیده، ساکت نتوانم شد چونکه تو‌ای جان من آواز کرنا و نعره جنگ را شنیده‌ای. ۱۹ 19
ــ [مەن]: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى.
شکستگی بر شکستگی اعلان شده زیرا که تمام زمین غارت شده است و خیمه های من بغته و پرده هایم ناگهان به تاراج رفته است. ۲۰ 20
ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى!
تا به کی علم را ببینم و آوازکرنا را بشنوم؟ ۲۱ 21
قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ [دېدىم].
چونکه قوم من احمقند و مرانمی شناسند و ایشان، پسران ابله هستند و هیچ فهم ندارند. برای بدی کردن ماهرند لیکن به جهت نیکوکاری هیچ فهم ندارند. ۲۲ 22
ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر».
بسوی زمین نظر انداختم و اینک تهی وویران بود و بسوی آسمان و هیچ نور نداشت. ۲۳ 23
ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛
بسوی کوهها نظر انداختم و اینک متزلزل بود وتمام تلها از جا متحرک می‌شد. ۲۴ 24
تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى.
نظر کردم واینک آدمی نبود و تمامی مرغان هوا فرار کرده بودند. ۲۵ 25
قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى.
نظر کردم و اینک بوستانها بیابان گردیده و همه شهرها از حضور خداوند و از حدت خشم وی خراب شده بود. ۲۶ 26
مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى.
زیرا خداوند چنین می‌گوید: «تمامی زمین خراب خواهد شد لیکن آن را بالکل فانی نخواهم ساخت. ۲۷ 27
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن.
از این سبب جهان ماتم خواهد گرفت و آسمان از بالا سیاه خواهد شد زیرا که این راگفتم و اراده نمودم و پشیمان نخواهم شد و از آن بازگشت نخواهم نمود.» ۲۸ 28
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛
از آواز سواران وتیراندازان تمام اهل شهر فرار می‌کنند و به جنگلها داخل می‌شوند و بر صخره‌ها برمی آیندو تمامی شهرها ترک شده، احدی در آنها ساکن نمی شود. ۲۹ 29
ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
و تو حینی که غارت شوی چه خواهی کرد؟ اگر‌چه خویشتن را به قرمز ملبس سازی و به زیورهای طلا بیارایی و چشمان خود را از سرمه جلا دهی لیکن خود را عبث زیبایی داده‌ای چونکه یاران تو تو را خوار شمرده، قصدجان تو دارند. ۳۰ 30
ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ.
زیرا که آوازی شنیدم مثل آواززنی که درد زه دارد و تنگی مثل زنی که نخست زاده خویش را بزاید یعنی آواز دخترصهیون را که آه می‌کشد و دستهای خود را درازکرده، می‌گوید: وای بر من زیرا که جان من به‌سبب قاتلان بیهوش شده است. ۳۱ 31
چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.

< ارمیا 4 >