Preface
Read
+
Publisher
Nainoia, Inc.
PO Box 462, Bellefonte, PA 16823
(814) 470-8028
Nainoia Inc, Publisher
LinkedIn/NAINOIA-INC
Third Party Publisher Resources
Request Custom Formatted Verses
Please contact us below
Submit your proposed corrections
I understand that the Aionian Bible republishes public domain and Creative Commons Bible texts and that volunteers may be needed to present the original text accurately. I also understand that apocryphal text is removed and most variant verse numbering is mapped to the English standard. I have entered my corrections under the verse(s) below. Proposed corrections to the Uyghur Bible (arabic script), Psalms Chapter 81 https://www.AionianBible.org/Bibles/Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic/Psalms/81 1) نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! 2) ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! 3) يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! 4) چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. 5) ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛ 6) ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ 7) قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». سېلاھ. 8) ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! 9) ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! 10) سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. 11) ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ 12) شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. 13) ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! 14) ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. 15) پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ 16) ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم». Additional comments?
Refresh Captcha
The world's first Holy Bible un-translation!