Preface
Read
+
Publisher
Nainoia, Inc.
PO Box 462, Bellefonte, PA 16823
(814) 470-8028
Nainoia Inc, Publisher
LinkedIn/NAINOIA-INC
Third Party Publisher Resources
Request Custom Formatted Verses
Please contact us below
Submit your proposed corrections
I understand that the Aionian Bible republishes public domain and Creative Commons Bible texts and that volunteers may be needed to present the original text accurately. I also understand that apocryphal text is removed and most variant verse numbering is mapped to the English standard. I have entered my corrections under the verse(s) below. Proposed corrections to the Uyghur Bible (arabic script), Job Chapter 28 https://www.AionianBible.org/Bibles/Uyghur---Uyghur-Bible-Arabic/Job/28 1) ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ 2) تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. 3) ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. 4) ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. 5) ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ 6) يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. 7) ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. 8) ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. 9) ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. 10) تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ 11) يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. 12) بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 13) ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. 14) [يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. 15) دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. 16) ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. 17) ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. 18) ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. 19) ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. 20) ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ 21) چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. 22) ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. 23) ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. 24) چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. 25) ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، 26) يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، 27) ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، 28) ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». Additional comments?
Refresh Captcha
The world's first Holy Bible un-translation!