< Markus 3 >

1 U yene sinagogqa kirdi. Shu yerde bir qoli yigilep ketken bir adem bar idi.
ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.
2 [Perisiyler] Eysaning üstidin erz qilayli dep shabat künide késel saqaytidighan-saqaytmaydighanliqini paylap yüretti.
[پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى.
3 Eysa qoli yigilep ketken ademge: — Ornungdin turup, otturigha chiqqin! — dédi.
ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېدى.
4 Andin, sinagogdikilerdin: — Tewrat qanunigha uyghun bolghini shabat küni yaxshiliq qilishmu, yaki yamanliq qilishmu? Janni qutquzushmu yaki halak qilishmu? — dep soridi. Lékin ular zuwan sürüshmidi.
ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: ــ تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى.
5 U ghezep bilen etrapigha nezer sélip ulargha köz yügürtüp, ularning tash yüreklikidin qayghurdi. Andin u késelge: — Qolungni uzat, — dédi. U qolini uzitiwidi, qoli eslige keltürüldi.
ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
6 Emdi Perisiyler derhal sirtqa chiqip, uni qandaq yoqitish toghrisida Hérod [padishahning] terepdarliri bilen meslihet qilishqa bashlidi.
ئەمدى پەرىسىيلەر دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا ھېرود [پادىشاھنىڭ] تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى.
7 Andin Eysa muxlisliri bilen bille u yerdin ayrilip déngiz boyigha ketti; Galiliye ölkisidin chong bir top ademler uninggha egiship bardi; shundaqla uning qilghan emellirini anglighan haman, pütün Yehudiye ölkisidin, Yérusalém shehiridin, Idumiya ölkisidin, Iordan deryasining qarshi teripidin, Tur we Zidon sheherlirining etrapidiki jaylardin zor bir top ademlermu uning yénigha kélishti.
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
8
9 U ademlerning köplikidin özini qistap qoymisun dep muxlislirigha kichik bir kémining uninggha yéqin turushini tapilidi.
ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى.
10 Chünki u nurghun bimarlarni saqaytqini tüpeylidin herqandaq waba-késelliklerge giriptar bolghanlarning hemmisi uninggha [qolumni] bir tegküzüwalsam dep qistiship kélishkenidi.
چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى.
11 Napak rohlar [chaplishiwalghanlar] qachanla uni körse, uning aldigha yiqilip: «Sen Xudaning Oghlisen!» dep warqirishatti.
ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
12 Lékin u [napak rohlargha] özining kim ikenlikini ashkarilimasliqqa qattiq tenbih bérip agahlanduratti.
لېكىن ئۇ [ناپاك روھلارغا] ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى.
13 U taghqa chiqip, özi xalighan kishilerni yénigha chaqirdi; ular uning yénigha kélishti.
ئۇ تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى؛ ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
14 U ulardin on ikkisini özi bilen bille bolushqa, söz-kalamni jakarlashqa,
ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا،
15 késellerni saqaytish we jinlarni heydesh hoquqigha ige bolushqa tallap békitti.
كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى.
16 U [békitken on ikki kishi]: Simon (u uninggha Pétrus dep isim qoyghan),
ئۇ [بېكىتكەن ئون ئىككى كىشى]: سىمون (ئۇ ئۇنىڭغا پېترۇس دەپ ئىسىم قويغان)،
17 Zebediyning oghli Yaqup we uning inisi Yuhanna, (u ularni «Binni-Regaz», yeni «Güldürmama oghulliri» depmu atighan),
زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)،
18 Andriyas, Filip, Bartolomay, Matta, Tomas, Alfayning oghli Yaqup, Taday, milletperwer dep atalghan Simon
ئاندرىياس، فىلىپ، بارتولوماي، ماتتا، توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون
19 we uninggha satqunluq qilghan Yehuda Ishqariyotlardin ibaret.
ۋە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت.
20 U öyge qaytip kelgendin kéyin, u yerge yene shunche nurghun ademler toplandiki, ularning hetta ghizalan’ghudekmu waqti chiqmidi.
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندىكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا غىزالانغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقمىدى.
21 [Eysaning] ailisidikiler buni anglap, uni tutup kélishke bérishti. Chünki ular uni «Eqlini yoqitiptu» dégenidi.
[ئەيسانىڭ] ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىنى يوقىتىپتۇ» دېگەنىدى.
22 Yérusalémdin chüshken Tewrat ustazliri bolsa: «Uningda Beelzibub bar», we «U peqet jinlarning emirige tayinip jinlarni qoghliwétidiken», déyishetti.
يېرۇسالېمدىن چۈشكەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار»، ۋە «ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن»، دېيىشەتتى.
23 Shuning üchün u [Tewrat ustazlirini] yénigha chaqirip, ulargha temsillerni ishlitip mundaq dédi: — Sheytan Sheytanni qandaqmu qoghlisun?
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ [تەۋرات ئۇستازلىرىنى] يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: ــ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟
24 Eger padishahliq öz ichidin bölünüp özara soqushqan bolsa shu padishahliq put tirep turalmaydu;
ئەگەر پادىشاھلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان بولسا شۇ پادىشاھلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ؛
25 shuningdek eger bir aile öz ichidin bölünüp özara soqushsa shu aile put tirep turalmaydu.
شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
26 Eger Sheytan öz-özige qarshi chiqip bölünse, u put tirep turalmay, yoqalmay qalmaydu.
ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ بۆلۈنسە، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي، يوقالماي قالمايدۇ.
27 Héchkim küchtünggür birsining öyige kirip, uning mal-mülkini bulap kételmeydu — peqet u shu küchtünggürni awwal baghliyalisa andin öyini bulang-talang qilalaydu.
ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.
28 Shuni silerge berheq éytip qoyayki, insan baliliri ötküzgen türlük gunahlirining hemmisini, shundaqla ular qilghan kupurluqlirining hemmisini kechürüshke bolidu.
شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسان بالىلىرى ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ.
29 Biraq kimdikim Muqeddes Rohqa kupurluq qilsa, ebedil’ebedgiche héch kechürülmeydu, belki menggülük bir gunahning hökümi astida turidu. (aiōn g165, aiōnios g166)
بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. (aiōn g165, aiōnios g166)
30 [Eysaning bu sözi] ularning «uninggha napak roh chaplishiptu» dégini üchün [éytilghanidi].
[ئەيسانىڭ بۇ سۆزى] ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن [ئېيتىلغانىدى].
31 Shu waqitta uning anisi bilen iniliri keldi. Ular sirtida turup, uni chaqirishqa adem kirgüzdi.
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى.
32 Bir top xalayiq uning etrapida olturatti. Ular: — Mana, aningiz, iniliringiz sizni izdep sirtta turidu, — déyishti.
بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار: ــ مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى.
33 Eysa ulargha jawaben: — Kim méning anam, kim méning inilirim? — dédi.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ ــ دېدى.
34 Andin, u öpchüriside olturghanlargha qarap mundaq dédi: Mana bular méning anam we inilirim!
ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم!
35 Chünki kimki Xudaning iradisini ada qilsa, shu méning aka-inim, acha-singlim we anamdur.
چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر.

< Markus 3 >