< Markus 2 >

1 Birnechche kündin kéyin u qaytidin Kepernahumgha kirdi. U öydiken, dégen xewer tarqiliwidi,
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى،
2 shunche köp adem u yerge yighildiki, hetta ishik aldidimu put dessigüdek yer qalmighanidi. U ulargha söz-kalam yetküzüwatatti.
شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز-كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى.
3 Mana shu esnada, birnechche adem uning aldigha bir palechni élip keldi; uni ulardin töti kötürüp ekelgenidi.
مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى.
4 Ademning köplükidin uninggha yéqinlishalmay, ular uning üstidin ögzini téship, töshük achqandin kéyin palechni zembil bilen [Eysaning aldigha] chüshürdi.
ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن [ئەيسانىڭ ئالدىغا] چۈشۈردى.
5 Emdi Eysa ularning ishenchini körüp palechke: — Balam, gunahliring kechürüm qilindi, — dédi.
ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە: ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
6 Lékin u yerde olturghan bezi Tewrat ustazliri könglide gumaniy soallarni qoyup:
لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ:
7 «Bu adem néme üchün mundaq deydu? U kupurluq qiliwatidighu! Xudadin bashqa kimmu gunahlarni kechürüm qilalisun?» déyishti.
«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى.
8 Eysa shuan rohida ularning köngülliride shundaq gumaniy soallarni qoyuwatqanliqini bilip yétip, ulargha mundaq dédi: — Siler köngülde némishqa shundaq soallarni qoyisiler?
ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟
9 Mushu palechke: «Gunahliring kechürüm qilindi!» déyish asanmu, yaki «Ornungdin tur, zembil-körpengni yighishturup mang!» déyish asanmu?
مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟
10 Emma hazir silerning Insan’oghlining yer yüzide gunahlarni kechürüm qilish hoquqigha ige ikenlikini bilishinglar üchün, — U palech késelge:
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە:
11 — Sanga éytayki, ornungdin tur, zembil-körpengni yighishturup öyüngge qayt! — dédi.
ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى.
12 U derhal ornidin des turup, zembil-körpisini yighishturdi we hemmeylenning köz aldida [öydin] chiqip ketti. Hemmeylen qattiq heyran qélip Xudani ulughliship: — Mushundaq ishni ezeldin körüp baqmighaniduq, — déyishti.
ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا [ئۆيدىن] چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ: ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى.
13 U yene déngiz boyigha qarap mangdi. Kishiler topi uning etrapigha olishiwaldi. U ulargha telim berdi.
ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى.
14 U yoldin ötüp kétiwatqanda, baj alidighan orunda olturghan Alfayning oghli Lawiyni körüp, uninggha: — Manga egeshkin, — dédi. U ornidin turup, uninggha egeshti.
ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
15 We shundaq boldiki, u [Lawiyning] öyide dastixanda olturghanda, nurghun bajgirlar we gunahkarlar Eysa we uning muxlisliri bilen hemdastixan boldi. Bundaq kishiler xéli köp idi, ularmu uninggha egeshkenidi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [لاۋىينىڭ] ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى.
16 Emdi Tewrat ustazliri we Perisiyler uning gunahkarlar we bajgirlar bilen bir dastixanda olturghanliqini körüp, muxlislirigha: — U némishqa bajgir we gunahkarlar bilen bir dastixanda yep-ichip olturidu?! — déyishti.
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى.
17 Buni anglighan Eysa ulargha: — Saghlam adem emes, belki bimarlar téwipqa mohtajdur. Men heqqaniylarni emes, belki gunahkarlarni chaqirghili keldim, — dédi.
بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا: ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.
18 Emdi Yehyaning muxlisliri bilen Perisiyler roza tutuwatatti. Beziler uning aldigha kélip: — Némishqa Yehyaning muxlisliri we Perisiylerning muxlisliri roza tutidu, lékin séning muxlisliring tutmaydu? — dep sorashti.
ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.
19 Eysa jawaben mundaq dédi: — Toyi boluwatqan yigit téxi toyda hemdastixan olturghan chaghda, méhmanliri roza tutup oltursa qandaq bolidu!? Toyi boluwatqan yigit toyda bolsila, ular héchqandaq roza tutalmaydu.
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ.
20 Emma shu künler kéliduki, yigit ulardin élip kétilidu, ular shu künde roza tutidu.
ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
21 Héchkim kona könglekke yéngi rexttin yamaq salmaydu. Undaq qilsa, yéngi yamaq [kiriship], kona kiyimni tartishturup yirtiwétidu. Netijide, yirtiq téximu yoghinap kétidu.
ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق [كىرىشىپ]، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.
22 Héchkim yéngi sharabni kona tulumlargha qachilimaydu. Eger undaq qilsa, sharabning [échishi bilen] tulumlar yérilip kétidu-de, sharabmu tökülüp kétidu hem tulumlarmu kardin chiqidu. Shuning üchün yéngi sharab yéngi tulumlargha qachilinishi kérek.
ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ [ئېچىشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك.
23 Bir shabat küni shundaq boldiki, u bughdayliqlardin ötüp kétiwatatti. Uning muxlisliri yolda méngiwatqanda bashaqlarni üzüshke bashlidi.
بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى.
24 Perisiyler uninggha: — Qara, ular némishqa shabat küni [Tewratta] cheklen’gen ishni qilidu? — déyishti.
پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى [تەۋراتتا] چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
25 U ulargha: — [Padishah] Dawutning özi we hemrahliri hajetmen bolghanda, yeni ach qalghanda néme qilghanliqini [muqeddes yazmilardin] oqumighanmusiler?
ئۇ ئۇلارغا: ــ [پادىشاھ] داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟
26 — Démek, Abiyatar bash kahin bolghan waqtida, u Xudaning öyige kirip, Xudagha atalghan, Tewratta peqet kahinlarning yéyishigila bolidighan nanlarni [sorap] yégen, shundaqla hemrahlirighimu bergen? — dédi.
ــ دېمەك، ئابىياتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى [سوراپ] يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى.
27 U ulargha yene: — Insan shabat küni üchün emes, shabat küni insan üchün yaritildi.
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى.
28 Shuning üchün, Insan’oghli shabat küniningmu Igisidur, — dédi.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.

< Markus 2 >