< Markus 16 >

1 Shabat küni ötüshi bilenla, Magdalliq Meryem, Yaqupning anisi Meryem we Salomilar bérip Eysaning jesitige sürüsh üchün xushpuraqliq buyumlarni sétiwaldi.
شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى.
2 Heptining birinchi küni ular bek baldur, tang seherde ornidin turup, kün chiqishi bilen qebrige bardi.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى.
3 Ular özara: «Bizge qebrining aghzidiki tashni kim domilitiship bérer?» déyishti.
ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى.
4 Lékin ular bashlirini kötürüp qariwidi, tashning bir yan’gha domilitiwétilginini kördi — eslide u tash nahayiti yoghan idi.
لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى.
5 Ular qebrige kirgende, ong terepte olturghan, aq ton kiygen, yash bir ademni kördi, we qattiq dekke-dükkige chüshti.
ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
6 Lékin u ulargha: — Dekke-dükkige chüshmenglar. Siler kréstlen’güchi Nasaretlik Eysani izdewatisiler. U tirildi, u bu yerde emes. Mana ular uni qoyghan jay!
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي!
7 Lékin béringlar, uning muxlislirigha we Pétrusqa: «U Galiliyege silerdin awwal baridiken; u silerge éytqinidek, siler uni shu yerde köridikensiler» denglar, — dédi.
لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى.
8 Ular qebridin chiqipla beder qachti. Ularni titrek bésip hoshini yoqitay dégenidi; bek qorqup ketkechke, héchkimge héchnémini éytmidi.
ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى.
9 (note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) Eysa heptining birinchi küni tang seherde tirilgendin kéyin, awwal Magdalliq Meryemge köründi. U eslide uningdin yette jinni heydiwetkenidi.
(note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى.
10 Meryem chiqip, matem tutup yighliship turghan, burun uning bilen bille bolghanlargha xewer berdi.
مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى.
11 Uning tirik ikenlikini we Meryemge körün’genlikini anglighanda, ular ishenmidi.
ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى.
12 Bu ishlardin kéyin, u ularning ichidiki yézigha kétiwatqan ikkiylen’ge bashqa siyaqta köründi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى.
13 Bularmu qalghanlarning yénigha qaytip, ulargha xewer qilghan bolsimu, lékin ular bularghimu ishenmidi.
بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى.
14 Andin on bireylen dastixanda olturup ghizaliniwatqanda, u ulargha köründi we ularning étiqadsizliqi we tash yürekliki üchün ularni tenbih bérip eyiblidi; chünki ular özining tirilginini körgenlerge ishenmigenidi.
ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى.
15 U ulargha mundaq dédi: — Pütkül jahan’gha bérip, yaritilghuchilarning herbirige xush xewerni jakarlanglar.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.
16 Étiqad qilip, chömüldürüshni qobul qilghanlar qutquzulidu. Étiqad qilmighanlar bolsa gunahqa békitilidu.
ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ.
17 Étiqad qilghanlarning izlirigha mushundaq möjizilik alametler egiship hemrah bolidu: — ular Méning namim bilen jinlarni heydiwétidu; ular yéngi tillarda sözleydu,
ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ،
18 ular yilanlarni qollirida tutidu, herqandaq zeherlik nersini ichsimu, ulargha zerer yetküzmeydu; qollirini bimarlargha tegküzüp qoysa, késelliri saqiyip kétidu.
ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
19 Shunga Reb ulargha bu sözlerni qilip bolghandin kéyin, asman’gha kötürüldi, Xudaning ong yénida olturdi.
شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
20 Muxlislar chiqip, her yerge bérip xush xewerni jakarlap yürdi. Reb ular bilen teng ishlep, söz-kalamigha hemrah bolup egeshken möjizilik alametler bilen uninggha ispat berdi.
مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.

< Markus 16 >