< Luqa 1 >

1 Gerche nurghun ademler arimizda mutleq ishenchlik dep qaralghan ishlarni toplap yézishqa kirishken bolsimu,
گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ،
2 (xuddi söz-kalamgha bashtin-axir öz közi bilen guwahchi bolghanlar, shundaqla uni saqlap yetküzgüchilerning bizge amanet qilghan bayanliridek),
(خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)،
3 menmu barliq ishlarni bashtin tepsiliy tekshürüp éniqlighandin kéyin, i hörmetlik Téofilus janabliri, silige bu ishlarni tertipi boyiche yézishni layiq taptim.
مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم.
4 Buningdin meqset, sili qobul qilghan telimlerning mutleq heqiqet ikenlikige jezm qilishliri üchündur.
بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
5 Yehudiye ölkisige padishah bolghan Hérod seltenet qilghan künliride, «Abiya» kahinliq nöwitidin bir kahin bar bolup, ismi Zekeriya idi. Uning ayalimu Harunning ewladidin bolup, ismi Élizabit idi.
يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى.
6 Ular ikkisi Xudaning alidida heqqaniy kishiler bolup, Perwerdigarning pütün emr-belgilimiliri boyiche eyibsiz mangatti.
ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى.
7 Emma Élizabit tughmas bolghachqa, ular perzent körmigenidi. Uning üstige ular ikkisi xélila yashinip qalghanidi.
ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى.
8 U öz türkümidiki kahinlar arisida [ibadetxanida] nöwetchilik wezipisini Xuda aldida ada qiliwatqanda,
ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا [ئىبادەتخانىدا] نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا،
9 [shu chaghdiki] kahinliq aditi boyiche, ular Perwerdigarning «muqeddes jay»igha kirip xushbuy sélishqa muyesser bolushqa chek tashlighanda shundaq boldiki, chek uninggha chiqti.
[شۇ چاغدىكى] كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى.
10 Emdi u xushbuy séliwatqan waqtida, jamaet tashqirida turup dua qilishiwatatti.
ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.
11 Tuyuqsiz Perwerdigarning bir perishtisi uninggha xushbuygahning ong teripide köründi.
تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى.
12 Uni körgen Zekeriya hoduqup qorqunchqa chömüp ketti.
ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى.
13 Biraq perishte uninggha: — Ey Zekeriya, qorqmighin! Chünki tiliking ijabet qilindi, ayaling Élizabit sanga bir oghul tughup béridu, sen uning ismini Yehya qoyghin.
بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.
14 U sanga shad-xuramliq élip kélidu, uning dunyagha kélishi bilen nurghun kishiler shadlinidu.
ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ.
15 Chünki u Perwerdigarning neziride ulugh bolidu. U héchqandaq haraq-sharab ichmesliki kérek; hetta anisining qorsiqidiki waqtidin tartipmu Muqeddes Rohqa toldurulghan bolidu.
چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ.
16 U Israillardin nurghunlirini Perwerdigar Xudasining yénigha qayturidu.
ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ.
17 U [Rebning] aldida Iliyas peyghemberge xas bolghan roh we küch-qudrette bolup, atilarning qelblirini balilargha mayil qilip, itaetsizlerni heqqaniylarning aqilanilikige kirgüzüp, Reb üchün teyyarlan’ghan bir xelqni hazir qilish üchün uning aldida mangidu, — dédi.
ئۇ [رەبنىڭ] ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى.
18 Zekeriya bolsa perishtidin: Menmu qérip qalghan, ayalimmu xéli yashinip qalghan tursa, bu ishni qandaq jezm qilalaymen? — dep soridi.
زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
19 Perishte jawaben: — Men Xudaning huzurida turghuchi Jebrailmen. Sanga söz qilishqa, bu xush xewerni sanga yetküzüshke men ewetildim.
پەرىشتە جاۋابەن: ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم.
20 Waqit-saiti kelgende choqum emelge ashurulidighan bu sözlirimge ishenmigenliking tüpeylidin, bu ishlar emelge ashurulghan künigiche mana sen tiling tutulup, zuwan’gha kélelmeysen, — dédi.
ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى.
21 Emdi jamaet Zekeriyani kütüp turatti; ular u muqeddes jayda néme üchün bunchiwala hayal boldi, dep heyran qalghili turdi.
ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى.
22 U chiqqanda ulargha gep qilalmidi; uning ulargha qol isharetlirini qilishidin, shundaqla zuwan sürelmigenlikidin ular uning muqeddes jayda birer alamet körünüshni körgenlikini chüshinip yetti.
ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
23 Shundaq boldiki, uning [ibadetxanidiki] xizmet mudditi toshushi bilenla, u öyige qaytti.
شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ [ئىبادەتخانىدىكى] خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى.
24 Derweqe, birnechche kündin kéyin uning ayali Élizabit hamilidar boldi; u besh ayghiche tala-tüzge chiqmay:
دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي:
25 «Emdi Perwerdigar méning halimgha nezirini chüshürüp, méni xalayiq arisida nomusqa qélishtin xalas qilip, manga bu künlerde shunchilik shapaet körsetti» — dédi.
«ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى.
26 [Élizabit hamilidar bolup] alte ay bolghanda, perishte Jebrail Xuda teripidin Galiliye ölkisidiki Nasaret dégen bir sheherge, pak bir qizning qéshigha ewetildi. Qiz bolsa Dawut [padishahning] jemetidin bolghan Yüsüp isimlik bir kishige déyiship qoyulghanidi; qizning ismi bolsa Meryem idi.
[ئېلىزابىت ھامىلىدار بولۇپ] ئالتە ئاي بولغاندا، پەرىشتە جەبرائىل خۇدا تەرىپىدىن گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت دېگەن بىر شەھەرگە، پاك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتىلدى. قىز بولسا داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىگە دېيىشىپ قويۇلغانىدى؛ قىزنىڭ ئىسمى بولسا مەريەم ئىدى.
28 Jebrail uning aldigha kirip uninggha: — Salam sanga, ey shepqetke muyesser bolghan qiz! Perwerdigar sanga yardur! — dédi.
جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى.
29 U perishtini körgende, uning sözidin bek hoduqup ketti, könglide bundaq salam sözi zadi némini körsitidighandu, dep oylap qaldi.
ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى.
30 Perishte uninggha: — Ey Meryem, qorqmighin. Sen Xuda aldida shepqet tapqansen.
پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن.
31 Mana, sen hamilidar bolup bir oghul tughisen, sen uning ismini Eysa dep qoyisen.
مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن.
32 U ulugh bolidu, Hemmidin Aliy Bolghuchining oghli dep atilidu; we Perwerdigar Xuda uninggha atisi Dawutning textini ata qilidu.
ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ.
33 U Yaqupning jemeti üstige menggü seltenet qilidu, uning padishahliqi tügimestur, — dédi. (aiōn g165)
ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى. (aiōn g165)
34 Meryem emdi perishtidin: — Men téxi er kishige tegmigen tursam, bu ish qandaqmu mumkin bolsun? — dep soridi.
مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.
35 Perishte uninggha jawaben: — Muqeddes Roh séning wujudunggha chüshidu we Hemmidin Aliy Bolghuchining küch-qudriti sanga saye bolup yéqinlishidu. Shunga, sendin tughulidighan muqeddes [perzent] Xudaning Oghli dep atilidu.
پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
36 We mana, tughqining Élizabitmu yashinip qalghan bolsimu, oghulgha hamilidar boldi; tughmas déyilgüchining qorsaq kötürginige hazir alte ay bolup qaldi.
ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.
37 Chünki Xuda bilen héchqandaq ish mumkin bolmay qalmaydu, — dédi.
چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى.
38 Meryem: — Mana Perwerdigarning dédikimen; manga sözüng boyiche bolsun, — dédi. Shuning bilen perishte uning yénidin ketti.
مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.
39 Meryem shu künlerde ornidin qopup aldirap Yehudiye taghliq rayonidiki bir sheherge bardi.
مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى.
40 U Zekeriyaning öyige kirip, Élizabitqa salam berdi.
ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى.
41 We shundaq boldiki, Élizabit Meryemning salimini anglighandila, qorsiqidiki bowaq oynaqlap ketti. Élizabit bolsa Muqeddes Rohqa toldurulup, yuqiri awaz bilen tentene qilip mundaq dédi: — Qiz-ayallar ichide bextliktursen, qorsiqingdiki méwimu bextliktur!
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر!
43 Manga shundaq [sherep] nedin keldikin, Rebbimning anisi bolghuchi méni yoqlap keldi!
ماڭا شۇنداق [شەرەپ] نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى!
44 Chünki mana, saliming quliqimgha kirgendila, qorsiqimdiki bowaq söyünüp oynaqlap ketti.
چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى.
45 Ishen’gen qiz neqeder bextliktur; chünki uninggha Perwerdigar teripidin éytilghan söz jezmen emelge ashurulidu!
ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ!
46 Meryemmu xush bolup mundaq dédi: — «Jénim Rebni ulughlaydu,
مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ «جېنىم رەبنى ئۇلۇغلايدۇ،
47 rohim Qutquzghuchim Xudadin shadlandi,
روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى،
48 Chünki U dédikining miskin haligha nezer saldi; Chünki mana, shundin bashlap barliq dewrler méni bextlik dep ataydu;
چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛ چۈنكى مانا، شۇندىن باشلاپ بارلىق دەۋرلەر مېنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ؛
49 Chünki Qadir Bolghuchi men üchün ulugh ishlarni emelge ashurdi; Muqeddestur Uning nami.
چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى.
50 Uning rehim-shepqiti dewrdin-dewrgiche Özidin qorqidighanlarning üstididur,
ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر،
51 U biliki bilen küch-qudritini namayan qildi, U tekebburlarni könglidiki niyet-xiyalliri ichidila tarmar qildi.
ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى، ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى.
52 U küchlük hökümdarlarni textidin chüshürdi, Péqirlarni égiz kötürdi.
ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى، پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى.
53 U achlarni nazi-németler bilen toyundurdi, Lékin baylarni quruq qol qayturdi.
ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى، لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى.
55 U ata-bowilirimizgha éytqinidek, Yeni Ibrahim hem uning neslige menggü wede qilghinidek, U Öz rehim-shepqitini éside tutup, Quli Israilgha yardemge keldi». (aiōn g165)
‏ ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئېيتقىنىدەك، يەنى ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ نەسلىگە مەڭگۈ ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى ئېسىدە تۇتۇپ، قۇلى ئىسرائىلغا ياردەمگە كەلدى». (aiōn g165)
56 Meryem Élizabitning yénida üch ayche turup, öz öyige qaytti.
مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.
57 Élizabitning tughutining ay-küni toshup, bir oghul tughdi.
ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.
58 Emdi uning qolum-qoshniliri we uruq-tughqanliri Perwerdigarning uninggha körsetken méhir-shepqitini shunche ulghaytqanliqini anglap, uning bilen teng shadlandi.
ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى.
59 We shundaq boldiki, bowaq tughulup sekkiz kün bolghanda, xalayiq balining xetnisini qilghili keldi. Ular uninggha Zekeriya dep atisining ismini qoymaqchi bolushti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.
60 Lékin anisi jawaben: — Yaq! Ismi Yehya atalsun — dédi.
لېكىن ئانىسى جاۋابەن: ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى.
61 Ular uninggha: — Biraq uruq-jemetingiz ichide bundaq isimdikiler yoqqu! — déyishti.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى.
62 Shuning bilen ular balining atisidin perzentingizge néme isim qoyushni xalaysiz, dep isharet bilen sorashti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى.
63 U bir parche [mom] taxtayni ekilishni telep qilip: «Uning ismi Yehyadur» dep yazdi. Hemmeylen intayin heyran qélishti.
ئۇ بىر پارچە [موم] تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.
64 Shuan uning aghzi échildi, uning tili yéshilip, zuwan’gha keldi we shuning bilen Xudagha teshekkür-medhiye éytti.
شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى.
65 Ularning öpchürisidikilerning hemmisini qorqunch basti; Yehudiye taghliq rayonlirida bu ishlarning hemmisi el aghzida pur ketti.
ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى.
66 Bu ishlardin xewer tapquchilarning hemmisi ularni könglige püküp: «Bu bala zadi qandaq adem bolar?» déyishti. Chünki Perwerdigarning qoli derweqe uninggha yar idi.
بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى.
67 Shu chaghda balining atisi Zekeriya Muqeddes Rohqa toldurulup, wehiy-bésharetni yetküzüp, mundaq dédi: —
شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ
68 «Israilning Xudasi Perwerdigargha teshekkür-medhiye oqulsun! Chünki U Öz xelqini yoqlap, ulardin xewer élip, bedel tölep ularni hör qildi.
«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى.
70 U qedimdin béri muqeddes peyghemberlirining aghzi arqiliq wede qilghinidek, Quli bolghan Dawutning jemeti ichidin biz üchün bir nijat münggüzini östürüp turghuzdi; Bu zat bizni düshmenlirimizdin we bizni öch köridighanlarning qolidin qutquzghuchi nijattur. (aiōn g165)
‏ ئۇ قەدىمدىن بېرى مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، قۇلى بولغان داۋۇتنىڭ جەمەتى ئىچىدىن بىز ئۈچۈن بىر نىجات مۈڭگۈزىنى ئۆستۈرۈپ تۇرغۇزدى؛ بۇ زات بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە بىزنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغۇچى نىجاتتۇر. (aiōn g165)
72 U shu yol bilen ata-bowilirimizgha iltipat eylep, Muqeddes ehdisini emelge ashurush üchün, Yeni atimiz Ibrahimgha bolghan qesimini éside tutup, Bizni düshmenlirining qolidin azad qilip, Barliq künlirimizde héchkimdin qorqmay, Öz aldida ixlasmenlik we heqqaniyliq bilen, Xizmet-ibaditide bolidighan qildi.
‏ ئۇ شۇ يول بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاتىمىز ئىبراھىمغا بولغان قەسىمىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىزنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، بارلىق كۈنلىرىمىزدە ھېچكىمدىن قورقماي، ئۆز ئالدىدا ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، خىزمەت-ئىبادىتىدە بولىدىغان قىلدى.
76 Emdi sen, i balam, Hemmidin Aliy Bolghuchining peyghembiri dep atilisen; Chünki sen Rebning yollirini teyyarlash üchün Uning aldida mangisen.
ئەمدى سەن، ئى بالام، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن.
77 Wezipeng uning xelqige gunahlirining kechürüm qilinishi arqiliq bolidighan nijatning xewirini bildürüshtür;
ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛
78 Chünki Xudayimizning ichi-baghridin urghup chiqqan shepqetler wejidin, Qarangghuluq we ölüm kölenggisi ichide olturghanlarni yorutush üchün, Putlirimizni amanliq yoligha bashlash üchün, Ershtin tang shepiqi üstimizge chüshüp yoqlidi.
چۈنكى خۇدايىمىزنىڭ ئىچى-باغرىدىن ئۇرغۇپ چىققان شەپقەتلەر ۋەجىدىن، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئولتۇرغانلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن، پۇتلىرىمىزنى ئامانلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن، ئەرشتىن تاڭ شەپىقى ئۈستىمىزگە چۈشۈپ يوقلىدى.
80 Bala bolsa ösüp, rohta küchlendürüldi. U Israil jamaitining aldida namayan qilin’ghuche chöllerde yashap keldi.
بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى.

< Luqa 1 >