< Yuhanna 3 >

1 Yehudiylar [kéngeshmisining] Perisiylerdin bolghan Nikodim isimlik bir yolbashchisi bar idi.
يەھۇدىيلار [كېڭەشمىسىنىڭ] پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى.
2 Bu adem bir kéchisi Eysaning aldigha kélip: — Ustaz, séning Xudadin kelgen telim bergüchi ikenlikingni bilimiz. Chünki Xuda uning bilen bille bolmisa, héchkimning sen körsetken bu möjizilik alametlerni körsitishi qet’iy mumkin emes, — dédi.
بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى.
3 Eysa uninggha jawaben: — Berheq, berheq, men sanga shuni éytip qoyayki, héchkim yuqiridin tughulmighiche, Xudaning padishahliqini körelmes! — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى.
4 Nikodim: — Adem qérighinida qandaqmu qaytidin tughulsun? Anisining qorsiqigha qayta kirip tughulushi mumkinmu?! — dep soridi.
نىكودىم: ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى.
5 Eysa mundaq jawab berdi: — Berheq, berheq, men sanga shuni éytip qoyayki, hem sudin, hem Rohtin tughulmighiche, héchkim Xudaning padishahliqigha kirelmes!
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس!
6 Ettin tughulghan bolsa ettur; rohtin tughulghan bolsa rohtur.
ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر.
7 Sanga: «Yuqiridin tughulushunglar kérek» déginimge heyran qalma.
ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما.
8 Shamal xalighan terepke soqidu, sen uning awazini anglaysen, lékin qeyerdin kélip, qeyerge baridighinini bilmeysen. Rohtin tughulghan herbirimu shundaqtur.
شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر.
9 Nikodim yene jawaben Eysagha: — Bu ishlar qandaqmu mumkin bolar? — dédi.
نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى.
10 Eysa uninggha jawaben mundaq dédi: — «Sen Israilning ölimasi turup, bunimu bilmemsen?
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟
11 Berheq, berheq, men sanga shuni éytip qoyayki, biz bilginimizni éytimiz we körginimizge guwahliq bérimiz, lékin siler bizning guwahliqimizni qobul qilmaysiler.
بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر.
12 Silerge zémindiki ishlarni éytsam ishenmigen yerde, ershtiki ishlarni éytsam qandaqmu ishinisiler?
سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟
13 Özi ershte bolup, ershtin chüshküchidin, yeni Insan’oghlidin bashqa héchkim ershke chiqmidi.
ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى.
14 Musa chölde [tuch] yilanni kötürgendek, Insan’oghlimu oxshashla shundaq égiz kötürülüshi kérek.
مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.
15 Shundaq bolghanda, uninggha étiqad qilghanlarning hemmisi halak bolmay, menggülük hayatqa érisheleydu». (aiōnios g166)
شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». (aiōnios g166)
16 Chünki Xuda dunyadiki insanlarni shu qeder söyiduki, Özining birdinbir yégane Oghlini pida bolushqa berdi. Meqsiti, uninggha étiqad qilghan herbirining halak bolmay, menggülük hayatqa érishishi üchündur. (aiōnios g166)
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. (aiōnios g166)
17 Xuda Oghlini dunyadiki insanlarni gunahqa békitish üchün emes, belki ularning u arqiliq qutquzulushi üchün dunyagha ewetti.
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى.
18 Kimki uninggha étiqad qilghuchi bolsa, gunahqa békitilmeydu; lékin étiqad qilmighuchi bolsa alliqachan gunahqa békitilgendur; chünki u Xudaning yekke-yégane Oghlining namigha étiqad qilmighan.
كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان.
19 We gunahqa békitish sewebi mana shuki, nur dunyagha kelgen bolsimu, insanlar nurni emes, belki qarangghuluqni yaxshi kördi; chünki ularning emelliri rezil idi.
ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى.
20 Chünki rezillik qilghuchi herbiri nurni yaman körüp we özining qilghan-etkenlirining ashkara qilinmasliqi üchün nurgha kelmeydu;
چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛
21 lékin heqiqetni yürgüzgüchi bolsa, emellirini Xudagha tayinip qilghanliqi ayan bolsun dep, nurgha kélidu.
لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ.
22 Bu ishlardin kéyin, Eysa muxlisliri bilen Yehudiye zéminigha bardi; u u yerde ular bilen bille turup, kishilerni chömüldürdi.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى.
23 Shu chaghda Yehya [peyghembermu] Salim yézisining yénidiki Aynon dégen yerde kishilerni chömüldürüwatatti. Chünki u yerning süyi mol idi. Kishiler uning aldigha kéliship, chömüldürüshni qobul qilishatti
شۇ چاغدا يەھيا [پەيغەمبەرمۇ] سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى
24 (chünki shu chaghda Yehya téxi zindan’gha tashlanmighanidi).
(چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى).
25 [shu waqitlarda] Yehyaning muxlisliri bir Yehudiy kishi bilen taharet qaidiliri toghrisida bes-munazire qiliship qaldi.
[شۇ ۋاقىتلاردا] يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى.
26 Andin muxlislar Yehyaning yénigha kélip: — Ustaz, Iordan deryasining u qétida sen bilen birge bolghan, özüng [teriplep] guwahliq bergen héliqi kishi mana hazir özi kishilerni chömüldürüwatidu, we hemme adem uning yénigha kétishiwatidu, — dédi.
ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ [تەرىپلەپ] گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
27 Yehya mundaq jawab berdi: — Eger uninggha ershtin ata qilinmighan bolsa, insan héchnersige ige bolalmaydu.
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ.
28 Méning silerge: «Men Mesih emes, peqet uning aldida ewetilgenmen» déginimge özünglar guwahchisiler.
مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر.
29 Kélinchekni emrige alghuchi yigittur; qoldishi yigitning awazini kütidu; qoldash uning awazini anglap, qelbide tolimu xursen bolidu. Shuninggha oxshash, mendimu xursenlik tolup tashidu.
كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ.
30 Uning yüksilishi, méning ajizlishishim muqerrerdur.
ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر.
31 Üstündin kelgüchi hemmidin üstündur. Zémindin kelgüchi zémin’gha tewe bolup zémindiki ishlarni sözleydu. Ershtin kelgüchi hemmidin üstündur;
ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛
32 özining [ershte] körgen we anglighanliri bolsa, u bular toghruluq guwahliq béridu; biraq héchkim uning guwahliqini qobul qilmaydu.
ئۆزىنىڭ [ئەرشتە] كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.
33 [Halbuki], kimki uning guwahliqini qobul qilghan bolsa, Xudaning heq ikenlikigimu möhürini basqan bolidu.
[ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ.
34 Chünki Xuda ewetkini Xudaning sözlirini sözleydu; chünki Xuda Rohni [uninggha] ölchem bilen kemlep bermes.
چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.
35 Ata Oghulni söyidu we hemme ishlarni uning qoligha tapshurghandur.
ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر.
36 Oghulgha étiqad qilghuchi menggülük hayatqa igidur. Lékin Oghulgha itaet qilmighuchi hayatni héch körmeydu, belki Xudaning ghezipi shundaqlarning üstide turidu. (aiōnios g166)
ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. (aiōnios g166)

< Yuhanna 3 >