< Yuhanna 2 >

1 Üchinchi küni, Galiliyediki Kana yézisida bir toy boldi. Eysaning anisi [Meryem] u yerde idi
ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى [مەريەم] ئۇ يەردە ئىدى
2 hem Eysa we uning muxlislirimu toygha teklip qilin’ghanidi.
ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.
3 Toyda sharab tügep qalghanda, Eysaning anisi uninggha: — Ularning sharabliri tügep qaptu, — dédi.
تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، ــ دېدى.
4 Eysa uninggha: — Xanim, méning sen bilen néme karim? Méning waqti-saitim téxi kelmidi, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى.
5 Anisi chakarlargha: — U silerge néme qil dése, shuni qilinglar, — dédi.
ئانىسى چاكارلارغا: ــ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، ــ دېدى.
6 Emdi shu yerde Yehudiylarning taharet aditi boyiche ishlitilidighan, herbirige ikki-üch tungdin su sighidighan alte tash küp qoyulghanidi.
ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.
7 Eysa chakarlargha: — Küplerge su toldurunglar, — dédi. Ular küplerni aghzighiche toldurushti.
ئەيسا چاكارلارغا: ــ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، ــ دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى.
8 Andin u ulargha yene: — Emdi buningdin usup toy bashqurghuchigha béringlar, — dédi. Ular uni apirip berdi.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئەمدى بۇنىڭدىن ئۇسۇپ توي باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇنى ئاپىرىپ بەردى.
9 Toy bashqurghuchi sharabqa aylandurulghan sudin tétip körgende (u uning qeyerdin keltürülgenlikini bilmidi, emma buni su toshughan chakarlar biletti) toy bashqurghuchi toyi boluwatqan yigitni chaqirip,
توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ،
10 uninggha: — Herbir [toy qilghuchi] yaxshi sharabni toyning béshida quyidu, andin méhmanlar qan’ghuche ichkendin kéyin, nachirini quyidu. Ejeba, sen yaxshi sharabni mushu chaghqiche saqlapsen! — dédi.
ئۇنىڭغا: ــ ھەربىر [توي قىلغۇچى] ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ، ئاندىن مېھمانلار قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەبا، سەن ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! ــ دېدى.
11 Bu bolsa, Eysa körsetken möjizilik alametlerning deslepkisi bolup, Galiliyening Kana yézisida körsitilgenidi. Buning bilen u özining shan-sheripini ayan qildi, we uning muxlisliri uninggha étiqad qildi.
بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
12 Bu ishtin kéyin u, anisi, iniliri we muxlisliri bilen Kepernahum shehirige chüshüp, u yerde birnechche kün turdi.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.
13 Yehudiylarning «ötüp kétish héyti»gha yéqin qalghanda, Eysa Yérusalémgha bardi.
يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى.
14 U ibadetxana [hoylilirida] kala, qoy we kepter-paxtek satquchilarni hem u yerde olturghan pul tégishküchilerni kördi.
ئۇ ئىبادەتخانا [ھويلىلىرىدا] كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى.
15 U tanidin qamcha yasap, ularning hemmisini qoy-kaliliri bilen qoshup ibadetxanidin heydep chiqardi. Pul tégishküchilerning pullirini chéchip, shirelirini örüwetti
ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى
16 we paxtek-kepter satquchilargha: — Bu nersilerni bu yerdin élip kétish! Atamning öyini soda-sétiq öyi qilishiwalma! — dédi.
ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا: ــ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىش! ئاتامنىڭ ئۆيىنى سودا-سېتىق ئۆيى قىلىشىۋالما! ــ دېدى.
17 Buni körgen muxlisliri [Zeburda] mundaq pütülginini ésige élishti: «Séning [muqeddes] öyüngge bolghan otluq muhebbitim özümni chulghiwaldi!».
بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى [زەبۇردا] مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ [مۇقەددەس] ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!».
18 Shuning bilen Yehudiylar u ishlargha inkas bildürüp uningdin: — Bundaq ishlarni qilghanikensen, qéni, bizge néme möjizilik alametni körsitip bérisen?! — dep soridi.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانىكەنسەن، قېنى، بىزگە نېمە مۆجىزىلىك ئالامەتنى كۆرسىتىپ بېرىسەن؟! ــ دەپ سورىدى.
19 Eysa ulargha jawab bérip: — Ushbu ibadetxanini chuwuwetsenglar, men üch kün ichide uni yéngiwashtin qurup chiqimen, — dédi.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇشبۇ ئىبادەتخانىنى چۇۋۇۋەتسەڭلار، مەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىمەن، ــ دېدى.
20 Shuning bilen bu Yehudiylar yene uninggha: — Bu ibadetxanini yasawatqili hazirghiche qiriq alte yil bolghan tursa, sen uni qandaqsige üch kündila qurup chiqalaysen?! — dédi.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىبادەتخانىنى ياساۋاتقىلى ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل بولغان تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا قۇرۇپ چىقالايسەن؟! ــ دېدى.
21 Halbuki, uning «ibadetxana» dégini uning öz ténini körsetkenidi.
ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى.
22 Shunga, u ölümdin tirilgendin kéyin, muxlisliri uning bu déginini ésige aldi we shundaqla muqeddes yazmilardiki bu heqtiki bésharetke hemde Eysaning éytqan sözige ishendi.
شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى.
23 Ötüp kétish héytida, nurghun kishiler uning Yérusalémda körsetken möjizilik alametlerni körgen bolup, uning namigha étiqad qilishti.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى.
24 Lékin Eysa pütkül insanlarning [qelbining] qandaq ikenlikini bilgechke, özini ulargha tapshurmaytti.
لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى.
25 Insan toghruluq héchkimning uninggha guwahliq bérishining hajiti yoq idi; chünki u insanlarning qelbide néme bar ikenlikini özi biletti.
ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى.

< Yuhanna 2 >