< Yuhanna 13 >

1 Ötüp kétish héytidin ilgiri, Eysa bu dunyadin ayrilip, Atining yénigha baridighan waqit-saetning yétip kelgenlikini bildi we shuning üchün bu dunyadiki öz ademlirige körsitip kelgen méhir-muhebbitini axirghiche toluq körsitip turdi.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.
2 Emdi kechlik tamaq yéyiliwatqanidi; Iblis alliburun Simonning oghli Yehuda Ishqariyotning könglige Eysagha satqunluq qilish weswesisini salghanidi.
ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
3 Eysa Atining her ishni uning qoligha tapshurghinini, we özining Xudaning yénidin kélip, Xudaning yénigha qaytidighanliqini bilgechke,
ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە،
4 dastixandin turup, ton-könglikini yéship, bir löngge bilen bélini baghlidi.
داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.
5 Andin jawurgha su quyup, muxlislarning putlirini yuyushqa we bélige baghlighan löngge bilen sürtüp qurutushqa bashlidi.
ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.
6 Nöwet Simon Pétrusqa kelgende, Pétrus uninggha: — I Reb, putumni sen yusang qandaq bolghini?! — dédi.
نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، پۇتۇمنى سەن يۇساڭ قانداق بولغىنى؟! ــ دېدى.
7 Eysa uninggha: — Néme qiliwatqinimni hazir bilmeysen, lékin kéyin bilisen, — dédi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر بىلمەيسەن، لېكىن كېيىن بىلىسەن، ــ دېدى.
8 Pétrus: — Sen méning putumni yusang hergiz bolmaydu! — dédi. Eysa uninggha jawaben: — Séni yumisam, méning bilen teng nésiweng bolmaydu, — dédi. (aiōn g165)
پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سېنى يۇمىسام، مېنىڭ بىلەن تەڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ، ــ دېدى. (aiōn g165)
9 Simon Pétrus: — I Reb, undaqta peqet putlirimnila emes, qollirimnimu, béshimnimu yughaysen! — dédi.
سىمون پېترۇس: ــ ئى رەب، ئۇنداقتا پەقەت پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسەن! ــ دېدى.
10 Eysa uninggha: — Bedini yuyulup, tamamen pakiz bolghan adem peqet putlirini yusila qayta yuyunushining hajiti bolmaydu. Siler pakiz, lékin hemminglar emes, — dédi
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەدىنى يۇيۇلۇپ، تامامەن پاكىز بولغان ئادەم پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. سىلەر پاكىز، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، ــ دېدى
11 (chünki u özini kimning tutup béridighanliqini biletti; shuning üchün u «Hemminglarla pakiz emes» dégenidi).
(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى).
12 Shuning bilen u ularning putlirini yuyup bolghandin kéyin, ton-könglikini kiyip, yene dastixan’gha olturup ulargha mundaq dédi: — Silerge néme qilghinimni uqtunglarmu?
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرگە نېمە قىلغىنىمنى ئۇقتۇڭلارمۇ؟
13 Siler méni «Ustaz» we «Reb» deysiler we rast éytisiler, men shundaqturmen.
سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن.
14 Eger men Reb we ustazinglar turuqluq, putliringlarni yughanikenmen, silermu bir-biringlarning putlirini yuyushunglar kérek.
ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك.
15 Men silerge qilghandek silerningmu hem shundaq qilishinglar üchün bu ülgini qaldurdum.
مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم.
16 Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, qul xojayinidin üstün turmaydu, elchimu özini ewetküchidin üstün turmaydu.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.
17 Bu ishlarni bilgenikensiler, shundaq qilsanglar bextliksiler!
بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!
18 Men bularni hemminglargha qaritip éytmidim. Men tallighanlirimni bilimen, lékin [muqeddes yazmilarda] aldin pütülgen: «Men bilen hemdastixan bolup nénimni yégenmu manga put atti!» dégen bu söz emelge ashurulmay qalmaydu.
مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ.
19 Men bu ish yüz bérishtin awwal uni silerge éytip qoyayki, u ishlar yüz bergende méning «Bar Bolghuchi» ikenlikimge ishinisiler.
مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر.
20 Berheq, berheq, silerge shuni éytip qoyayki, kimki men ewetken herqandaq birsini qobul qilghan bolsa, méni qobul qilghan bolidu; we méni qobul qilghuchilar méni Ewetküchini qobul qilghan bolidu.
بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
21 Eysa bu sözlerni éytqandin kéyin, rohta qattiq pighan chékip, mundaq guwahliq berdi: — Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, aranglarda bireylen manga satqunluq qilidu!
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!
22 Muxlislar kimni dewatqanliqini bilelmey, bir-birige qarashti.
مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى.
23 Emdi dastixanda muxlisliridin biri Eysaning meydisige yölinip yatqanidi; u bolsa «Eysa söyidighan muxlis» idi.
ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى.
24 Simon Pétrus uningdin [Eysaning] kimni dewatqinini sorap béqishini isharet qildi.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن [ئەيسانىڭ] كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى.
25 Shuning bilen u Eysaning meydisige yölinip turup uningdin: — I Reb, u kimdur? — dep soridi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، ئۇ كىمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى.
26 Eysa jawab bérip: — Bu bir chishlem nanni ashqa tögürüp kimge sunsam, shudur, — dédi. Shuning bilen u bir chishlem nanni [ashqa] tögürüp, Simonning oghli Yehuda Ishqariyotqa sundi.
ئەيسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى [ئاشقا] تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.
27 Yehuda nanni éliwidi, Sheytan uning ichige kirdi. — Qilidighiningni chapsan qil, — dédi Eysa uninggha.
يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى. ــ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
28 (Emdi dastixanda olturghanlarning héchqaysisi uning [Yehudagha] bu sözlerni néme üchün déginini bilmidi.
(ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ [يەھۇداغا] بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى.
29 Yehuda ularning ortaq hemyanini tutqini üchün, beziler Eysa uninggha: «Bizge kéreklik héytliq nersilerni élip kel» yaki «Kembeghellerge birer nerse ber» dewatsa kérek, dep oylashti).
يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى).
30 Yehuda bu bir chishlem nanni élipla tashqirigha chiqip ketti (bu chagh kéche idi).
يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى).
31 Yehuda tashqirigha chiqip ketkendin kéyin, Eysa mundaq dédi: — Emdi Insan’oghli ulughlinidighan waqit-saet yétip keldi we Xuda u arqiliq ulughlinidu.
يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى: ــ ئەمدى ئىنسانئوغلى ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى ۋە خۇدا ئۇ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ.
32 We eger Xuda uningda ulughlansa, Xudamu Özide uni ulughlaydu, shundaqla derhal uni ulughlaydu.
ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ.
33 Balilirim, siler bilen bille bolidighan yene azghina waqtim qaldi. Siler méni izdeysiler, lékin méning Yehudiylargha: «Men baridighan yerge siler baralmaysiler» dep éytqinimdek, buni silergimu éytimen.
بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن.
34 Silerge yéngi bir emr tapshurimenki, «bir-biringlarni söyünglar». Silerni söyginimdek, silermu bir-biringlarni söyünglar.
سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
35 Aranglarda bir-biringlargha méhir-muhebbitinglar bolsa, hemme adem silerning méning muxlislirim ikenlikinglarni bilidu.
ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ.
36 Simon Pétrus uningdin: — I Reb, qeyerge barisen? — dep soridi. Eysa jawaben: — Men kétidighan yerge hazirche egiship baralmaysen, lékin kéyin manga egiship barisen, — dédi.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، قەيەرگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا جاۋابەن: ــ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن ماڭا ئەگىشىپ بارىسەن، ــ دېدى.
37 Pétrus uninggha: — I Reb, néme üchün hazir séning keyningdin egiship baralmaymen? Sen üchün jénimni pida qilay! — dédi.
پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، نېمە ئۈچۈن ھازىر سېنىڭ كەينىڭدىن ئەگىشىپ بارالمايمەن؟ سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي! ــ دېدى.
38 Eysa jawaben mundaq dédi: — Men üchün rasttinla jéningni pida qilamsen? Berheq, berheq, sanga éytip qoyayki, xoraz chillighuche, sen mendin üch qétim tanisen!
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭنى پىدا قىلامسەن؟ بەرھەق، بەرھەق، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!

< Yuhanna 13 >