< Yuhanna 12 >

1 Ötüp kétish héytidin alte kün ilgiri, Eysa özi ölümdin tirildürgen Lazarus turuwatqan jay — Beyt-Aniyagha keldi.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى.
2 Shu wejidin ular u yerde uninggha ziyapet berdi. Marta méhmanlarni kütüwatatti; Lazarus bolsa Eysa bilen hemdastixan bolghanlarning biri idi.
شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى.
3 Meryem emdi nahayiti qimmet bahaliq sap sumbul etirdin bir qadaq ekilip, Eysaning putlirigha quydi andin chachliri bilen putlirini értip qurutti. Etirning xush puriqi öyni bir aldi.
مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى.
4 Lékin uning muxlisliridin biri, yeni uninggha pat arida satqunluq qilghuchi, Simonning oghli Yehuda Ishqariyot:
لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت:
5 — Némishqa bu [qimmet bahaliq] etir kembeghellerge sediqe qilip bérilishke üch yüz dinargha sétilmidi? — dédi
ــ نېمىشقا بۇ [قىممەت باھالىق] ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى
6 (u bu sözni kembeghellerning ghémini yégenliki üchün emes, belki oghri bolghanliqi üchün dégenidi; chünki u [muxlislarning ortaq] hemyanini saqlighuchi bolup, daim uninggha sélin’ghinidin oghriliwalatti).
(ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ [مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق] ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى).
7 Emdi Eysa: — Ayalni öz ixtiyarigha qoyghin! Chünki u buni méning depne künüm üchün teyyarliq qilip saqlighandur;
ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛
8 chünki kembegheller hemishe siler bilen bille bolidu, lékin men hemishe siler bilen bille bolmaymen, — dédi.
چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى.
9 Zor bir top Yehudiylar uning shu yerde ikenlikidin xewer tépip, shu yerge keldi. Ularning kélishi yalghuz Eysani depla emes, yene u ölümdin tirildürgen Lazarusnimu körüsh üchün idi.
زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى.
10 Lékin bash kahinlar bolsa Lazarusnimu öltürüshni meslihetleshkenidi;
لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛
11 Chünki uning sewebidin nurghun Yehudiylar özliridin chékinip Eysagha étiqad qiliwatatti.
چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.
12 Etisi, «[ötüp kétish] héyti»ni ötküzüshke kelgen zor bir top xalayiq Eysaning Yérusalémgha kéliwatqanliqini anglap,
ئەتىسى، «[ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،
13 qollirigha xorma shaxlirini tutushqan halda uni qarshi alghili chiqishti we: «Teshekkür-hosanna! Perwerdigarning namida kelgüchi, Israilning padishahigha mubarek bolghay!» dep warqirashti.
قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى.
14 Eysa bir texeyni tépip, uninggha mindi; xuddi [muqeddes yazmilarda] mundaq pütülgendek: —
ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ
15 «Qorqma, i Zion qizi! Mana, Padishahing éshek texiyige minip kéliwatidu!».
«قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!».
16 Eyni chaghda uning muxlisliri bu ishlarni chüshenmeytti, lékin Eysa shan-sherepte ulughlan’ghandin kéyin, bu sözlerning uning toghruluq pütülgenlikini, shundaqla bu ishlarning derweqe uningda shundaq yüz bergenlikini ésige keltürdi.
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
17 Emdi u Lazarusni qebridin chaqirip tirildürgen chaghda uning bilen bille bolghan xalayiq bolsa, bu ishqa guwahliq bériwatatti.
ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى.
18 Eysa yaratqan bu möjizilik alametnimu anglighachqa, uni qarshi élishqa shu bir top ademler chiqishqanidi.
ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى.
19 Perisiyler bolsa bir-birige: — Qaranglar, [barliq] qilghininglar bikar ketti! Mana emdi pütkül jahan uninggha egeshmekte! — déyishti.
پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: ــ قاراڭلار، [بارلىق] قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى.
20 Ötüp kétish héytida ibadet qilghili kelgenler arisida birnechche gréklarmu bar idi.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى.
21 Bular emdi Galiliyening Beyt-Saida yézisidin bolghan Filipning yénigha kélip: — Ependim, biz Eysa bilen körüshsek, — dep telep qilishti.
بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
22 Filip bérip buni Andriyasqa éytti. Andin Andriyas we Filip ikkisi Eysagha melum qildi.
فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى.
23 Lékin Eysa ulargha jawaben mundaq dédi: — «Insan’oghlining shan-sherepte ulughlinidighan waqit-saiti yétip keldi.
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.
24 Berheq, berheq, men silerge shuni éytip qoyayki, bughday déni tupraq ichige chüshüp ölmigüche, özi yenila yalghuz qalidu; lékin ölse, mol hosul béridu.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.
25 Kimdekim öz hayatini ayisa uningdin mehrum bolidu; lékin bu dunyada öz hayatidin nepretlense, uni menggülük hayatliqqa saqliyalaydu. (aiōnios g166)
كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. (aiōnios g166)
26 Kimdekim xizmitimde bolushni xalisa, manga egeshsun. Men qeyerde bolsam, méning xizmetchimmu shu yerde bolidu. Kémdekim méning xizmitimde bolsa, Ata uninggha izzet qilidu.
كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.
27 Hazir jénim qattiq azabliniwatidu. Men néme déyishim kérek? «Ata, méni bu saettin qutquzghin!» deymu? Lékin men del mushu waqit-saet üchün keldim.
ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم.
28 Ata, naminggha shan-sherep keltürgin!». Shuan, asmandin bir awaz anglinip: — Uninggha shan-sherep keltürdüm we yene uninggha shan-sherep keltürimen!» — déyildi.
ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
29 Buni anglighan shu yerde turghan xalayiq: — Hawa güldürlidi, — déyishti. Yene beziler bolsa: — Bir perishte uninggha gep qildi, — déyishti.
بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق: ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى.
30 Eysa bolsa jawaben: — Bu awaz méni dep emes, silerni dep chüshti.
ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى.
31 Emdi dunyaning üstige höküm chiqirilish waqti keldi; hazir bu dunyaning hökümdarining tashqirigha qoghlinish waqti keldi.
ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى.
32 We men bolsam, yerning üstidin kötürülginimde, pütkül insanlarni özümge jelp qilip tartimen, — dédi
ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى
33 (uning buni dégini özining qandaq ölüm bilen ölidighanliqini körsetkini idi).
(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
34 Xalayiq buninggha jawaben uningdin: — Biz muqeddes qanundin Mesihning ebedgiche qalidighinini anglighan; sen qandaqsige «Insan’oghli kötürülüshi kérek» deysen?! Bu qandaqmu «Insan’oghli» bolsun? — dep soridi. (aiōn g165)
خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن: ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. (aiōn g165)
35 Shunga Eysa ulargha: — Nurning aranglarda bolidighan waqti uzun bolmaydu. Shunga qarangghuluqning silerni bésiwalmasliqi üchün, nur bar waqtida [uningda] ménginglar; qarangghuluqta mangghan kishi özining qeyerge kétiwatqanliqini bilmeydu.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا [ئۇنىڭدا] مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
36 Nur aranglarda bar waqitta, uninggha ishininglar; buning bilen nurning perzentliri bolisiler, — dédi. Eysa bu sözlerni qilghandin kéyin, ulardin ayrilip yoshurunuwaldi.
نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
37 Gerche u ularning köz aldida shunche tola möjizilik alamet körsetken bolsimu, ular téxi uninggha étiqad qilmidi.
گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.
38 Shuning bilen Yeshaya peyghemberning yazmisida aldin’ala körsitilgen bésharet del emelge ashurdi: «I Perwerdigar, bizning yetküzgen xewirimizge kimmu ishen’gen? Hem «Perwerdigarning biliki» Bolghuchi kimgimu ayan qilin’ghan?»
شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى: «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟»
39 Xalayiqning étiqad qilmighinining sewebi del shuki (xuddi Yeshaya peyghember yene aldin’ala éytqandek): «[Perwerdigar] ularning közlirini kor, Qelbini tash qildi; Meqset, ularning közlirining körüp, Qelbining chüshinip, [Gunahliridin] yénishining aldini élish üchündur; Bolmisa, Men ularni saqaytqan bolattim, — [deydu Perwerdigar]».
خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك): «[پەرۋەردىگار] ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور، قەلبىنى تاش قىلدى؛ مەقسەت، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ كۆرۈپ، قەلبىنىڭ چۈشىنىپ، [گۇناھلىرىدىن] يېنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر؛ بولمىسا، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم، ــ [دەيدۇ پەرۋەردىگار]».
41 Bu sözlerni Yeshaya [peyghember] [Mesihning] shan-sheripini körüp uninggha qarita aldin’ala söz qilghinida éytqanidi.
بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى.
42 Wehalenki, gerche hetta Yehudiy aqsaqalliridinmu nurghunlighan ademler uninggha étiqad qilghan bolsimu, ular Perisiyler wejidin qorqup, özlirining sinagogtin qoghlap chiqiriwétilmesliki üchün uni étirap qilmidi.
ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى.
43 Buning sewebi, ular insanlardin kélidighan izzet-shöhretni Xudadin kélidighan izzet-shöhrettin yaxshi köretti.
بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى.
44 Biraq Eysa yuqiri awaz bilen mundaq dédi: — Manga étiqad qilghuchi mangila emes, belki méni Ewetküchige étiqad qilghuchidur.
بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: ــ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغۇچىدۇر.
45 Kimki méni körgüchi bolsa, méni Ewetküchini körgüchi bolidu.
كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ.
46 Men manga étiqad qilghuchilar qarangghuluqta qalmisun dep, nur süpitide dunyagha keldim.
مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم.
47 Birsi sözlirimni anglap, ularni tutmisa, uni soraqqa tartmaymen; chünki men dunyadikilerni soraqqa tartqili emes, belki dunyadikilerni qutquzghili keldim.
بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم.
48 Biraq méni chetke qaqquchini, shundaqla sözlirimni qobul qilmighanni bolsa, uni soraqqa tartquchi birsi bar. U bolsimu, men éytqan söz-kalamimdur. U axirqi küni uni soraqqa tartidu.
بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ.
49 Chünki men özlükümdin sözliginim yoq, belki méni ewetken Ata méning némini déyishim we qandaq sözlishim kéreklikige emr bergen.
چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن.
50 Uning emrining menggülük hayatliq ikenlikini bilimen. Shunga némini sözlisem, Ata manga buyrughinidek sözleymen. (aiōnios g166)
ئۇنىڭ ئەمرىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا نېمىنى سۆزلىسەم، ئاتا ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. (aiōnios g166)

< Yuhanna 12 >