< Ibraniylargha 8 >

1 Éytqanlirimizning bash nuqtisi shuki: Ershtiki ulugh Bolghuchining textining ong teripide olturghan shundaq bir Bash Kahinimiz bar.
ئېيتقانلىرىمىزنىڭ باش نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان شۇنداق بىر باش كاھىنىمىز بار.
2 U muqeddes jaylarda, shundaqla insan emes, belki Perwerdigar tikken heqiqiy ibadet chédirining hemmiside kahinliq xizmitini qilghuchidur.
ئۇ مۇقەددەس جايلاردا، شۇنداقلا ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار تىككەن ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممىسىدە كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلغۇچىدۇر.
3 Herbir bash kahin hediye hem qurbanliqlar sunush üchün teyinlinidu. Shuning üchün, [bizning bu bash kahinimizningmu] birer sunidighini bolush kérek idi.
ھەربىر باش كاھىن ھەدىيە ھەم قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، [بىزنىڭ بۇ باش كاھىنىمىزنىڭمۇ] بىرەر سۇنىدىغىنى بولۇش كېرەك ئىدى.
4 Derweqe eger U yer yüzide bolsidi, hergiz kahin bolmaytti; chünki bu yerde Tewrat qanun-tüzümi boyiche hediye sunidighan kahinlar alliburunla bardur
دەرۋەقە ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز كاھىن بولمايتتى؛ چۈنكى بۇ يەردە تەۋرات قانۇن-تۈزۈمى بويىچە ھەدىيە سۇنىدىغان كاھىنلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر
5 (bu [kahinlar] xizmet qilidighan [ibadet chédiri] peqetla ershtiki ishlarning köchürülmisi we kölenggisidur. Musa del bu ibadet chédirini qurushqa bashlighanda, Xudaning wehiysi uninggha kélip: «Éhtiyat qilghinki, bularning hemmisini sanga taghda körsitilgen örnek boyiche yasighin» dep agahlandurghan).
(بۇ [كاھىنلار] خىزمەت قىلىدىغان [ئىبادەت چېدىرى] پەقەتلا ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. مۇسا دەل بۇ ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇشقا باشلىغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيسى ئۇنىڭغا كېلىپ: «ئېھتىيات قىلغىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاغدا كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان).
6 Lékin hazir U ([kona ehdige ait] wedilerdin ewzel wediler üstige békitilgech) téximu yaxshi bir ehdining wasitichisi bolghachqa, Uninggha bérilgen kahinliq xizmiti bashqa kahinlarningkidin shunche ewzel turidu.
لېكىن ھازىر ئۇ ([كونا ئەھدىگە ئائىت] ۋەدىلەردىن ئەۋزەل ۋەدىلەر ئۈستىگە بېكىتىلگەچ) تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاھىنلىق خىزمىتى باشقا كاھىنلارنىڭكىدىن شۇنچە ئەۋزەل تۇرىدۇ.
7 Eger shu deslepki ehde kem-kütisiz bolsa idi, kéyinkisi üchün orun izdeshning héchqandaq hajiti bolmighan bolatti.
ئەگەر شۇ دەسلەپكى ئەھدە كەم-كۈتىسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسى ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى.
8 Lékin, Xuda kona ehdini yétersiz dep qarap, [Israillargha] mundaq dégen: — «Mana, shu künler kéliduki, — deydu Perwerdigar, — Men Israil jemeti we Yehuda jemeti üchün yéngi bir ehdini emelge ashurimen.
لېكىن، خۇدا كونا ئەھدىنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، [ئىسرائىللارغا] مۇنداق دېگەن: ــ «مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۈچۈن يېڭى بىر ئەھدىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.
9 Bu ehde ularning ata-bowiliri bilen tüzgen ehdige oxshimaydu; shu ehdini Men ata-bowilirini qolidin tutup Misirdin qutquzup yétekliginimde ular bilen tüzgenidim; chünki ular Men bilen tüzüshken ehdemde turmidi, men ulardin nezirimni yötkidim, — deydu Perwerdigar.
بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ چۈنكى ئۇلار مەن بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەمدە تۇرمىدى، مەن ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
10 Chünki shu künlerdin kéyin, Méning Israil jemeti bilen tüzidighan ehdem mana shuki: — «Men Öz tewrat-qanunlirimni ularning zéhin-eqlige salimen, hemde ularning qelbigimu pütimen; Men ularning Xudasi bolimen, ularmu Méning xelqim bolidu.
چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ «مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
11 Shundin bashlap héchkim öz yurtdishigha, yaki öz qérindishigha: — «Perwerdigarni tonughin» dep ögitishining hajiti qalmaydu; chünki ularning hemmisi, eng kichikidin chongighiche Méni bilip bolghan bolidu;
شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يۇرتدىشىغا، ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە مېنى بىلىپ بولغان بولىدۇ؛
12 chünki men ularning qebihliklirige rehim qilimen hemde ularning gunahliri we itaetsizlikirini menggüge ésimdin chiqiriwétimen».
چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىگە رەھىم قىلىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن».
13 Emdi Xudaning bu ehdini «yéngi» déyishi burunqisini «kona» dégenlikidur; emdi waqti ötken, konirighan ish bolsa uzun ötmey yoqilidu.
ئەمدى خۇدانىڭ بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىشى بۇرۇنقىسىنى «كونا» دېگەنلىكىدۇر؛ ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان ئىش بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ.

< Ibraniylargha 8 >