< Ibraniylargha 10 >

1 Tewrat qanuni kelgüside élip kélinidighan güzel ishlarning öz eynini emes, belki ularning kölenggisinila süretlep bergechke, u telep qilin’ghan, yilmuyil sunulup kéliwatqan oxshash qurbanliqlar arqiliq [Xudagha] yéqinlashmaqchi bolghanlarni hergizmu mukemmel qilalmaydu.
تەۋرات قانۇنى كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىنىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بەرگەچكە، ئۇ تەلەپ قىلىنغان، يىلمۇيىل سۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان ئوخشاش قۇربانلىقلار ئارقىلىق [خۇداغا] يېقىنلاشماقچى بولغانلارنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل قىلالمايدۇ.
2 Bolmisa, mushu qurbanliqlarning sunulushi axirlishatti, chünki ibadet qilghuchilar pak qilinip, wijdani yene öz gunahliri tüpeylidin azablanmaytti.
بولمىسا، مۇشۇ قۇربانلىقلارنىڭ سۇنۇلۇشى ئاخىرلىشاتتى، چۈنكى ئىبادەت قىلغۇچىلار پاك قىلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى.
3 Halbuki, mushu qurbanliqlar yilmuyil öz gunahlirini özlirige eslitip turidu.
ھالبۇكى، مۇشۇ قۇربانلىقلار يىلمۇيىل ئۆز گۇناھلىرىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
4 Chünki buqa we öchkilerning qéni gunahlarni hergiz élip tashliyalmaydu.
چۈنكى بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى گۇناھلارنى ھەرگىز ئېلىپ تاشلىيالمايدۇ.
5 Shuning üchün, U dunyagha kelgende mundaq dégen: — «Ne qurbanliq, ne atighan ashliq hediyeliri bolsa Séning telep-arzuyung emes, Biraq Sen Men üchün bir ten teyyarlap berding;
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: ــ «نە قۇربانلىق، نە ئاتىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بولسا سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن مەن ئۈچۈن بىر تەن تەييارلاپ بەردىڭ؛
6 Ne köydürme qurbanliqlar, ne gunah qurbanliqidinmu söyünmiding;
نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، نە گۇناھ قۇربانلىقىدىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ؛
7 Shunga jawab berdimki — «Mana Men keldim! — Qanun desturungda Men toghruluq pütülgendek — I Xuda, iradengni emelge ashurush üchün keldim».
شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم! ــ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەندەك ــ ئى خۇدا، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم».
8 U yuqirida: «Ne qurbanliq, ne ashliq hediyeliri, ne köydürme qurbanliqlar ne gunahni tiligüchi qurbanliqlar Séning telep-arzuyung emes, Sen ulardinmu söyünmiding» (bu qurbanliqlar Tewrat qanunining telipi boyiche sunulushi kérek idi) déginidin kéyin
ئۇ يۇقىرىدا: «نە قۇربانلىق، نە ئاشلىق ھەدىيەلىرى، نە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار نە گۇناھنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلار سېنىڭ تەلەپ-ئارزۇيۇڭ ئەمەس، سەن ئۇلاردىنمۇ سۆيۈنمىدىڭ» (بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە سۇنۇلۇشى كېرەك ئىدى) دېگىنىدىن كېيىن
9 yene: «Séning iradengni emelge ashurush üchün keldim» dégen. Démek, [Xuda] kéyinkisini küchke ige qilish üchün, aldinqisini emeldin qalduridu.
يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، [خۇدا] كېيىنكىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
10 Xudaning bu iradisi boyiche Eysa Mesihning ténining bir yolila qurban qilinishi arqiliq biz gunahtin paklinip, [Xudagha] atalduq.
خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، [خۇداغا] ئاتالدۇق.
11 Her kahin her küni ibadet xizmitide turidu, shundaqla gunahlarni hergiz saqit qilalmaydighan oxshash xildiki qurbanliqlarni [Xudagha] qayta-qayta sunidu.
ھەر كاھىن ھەر كۈنى ئىبادەت خىزمىتىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا گۇناھلارنى ھەرگىز ساقىت قىلالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى [خۇداغا] قايتا-قايتا سۇنىدۇ.
12 Biraq, bu [kahin] bolsa gunahlar üchün birla qétimliq menggü inawetlik bir qurbanliqni sun’ghandin kéyin, Xudaning ong yénida olturdi;
بىراق، بۇ [كاھىن] بولسا گۇناھلار ئۈچۈن بىرلا قېتىملىق مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بىر قۇربانلىقنى سۇنغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى؛
13 U shu yerde «düshmenliri Öz ayighi astida textiper qilin’ghuche» kütidu.
ئۇ شۇ يەردە «دۈشمەنلىرى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تەختىپەر قىلىنغۇچە» كۈتىدۇ.
14 U mushu birla qurbanliq bilen Xudagha atap pak-muqeddes qilin’ghanlarni menggüge mukemmel qildi.
ئۇ مۇشۇ بىرلا قۇربانلىق بىلەن خۇداغا ئاتاپ پاك-مۇقەددەس قىلىنغانلارنى مەڭگۈگە مۇكەممەل قىلدى.
15 [Muqeddes yazmilarda] [pütülgendek], Muqeddes Rohmu bu heqte bizge guwahliq béridu. Chünki U awwal: —
[مۇقەددەس يازمىلاردا] [پۈتۈلگەندەك]، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاۋۋال: ــ
16 «U künlerdin kéyin, Méning ular bilen tüzidighan ehdem mana shuki, deydu Perwerdigar; Men Öz tewrat-qanunlirimni ularning zéhin-eqligimu salimen, Hemde ularning qelbigimu pütimen» dégendin kéyin, U yene: —
«ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ زېھىن-ئەقلىگىمۇ سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ پۈتىمەن» دېگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە: ــ
17 «Ularning gunahliri we itaetsizlikirini menggüge ésimdin chiqiriwétimen» — dégen.
«ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكىرىنى مەڭگۈگە ئېسىمدىن چىقىرىۋېتىمەن» ــ دېگەن.
18 Emdi shu yolda gunahlar kechürüm qilin’ghaniken, gunahlar üchün qurbanliq qilishning hajitimu qalmaydu.
ئەمدى شۇ يولدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.
19 Shuning üchün, ey qérindashlar, Eysaning qéni arqiliq eng muqeddes jaygha kirishke jür’ǝtlik bolup,
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسانىڭ قېنى ئارقىلىق ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە جۈرئەتلىك بولۇپ،
20 (U bizge échip bergen, ibadetxanining perdisidin (yeni, Uning et-ténidin) ötidighan shu yipyéngi, hayatliq yoli bilen)
(ئۇ بىزگە ئېچىپ بەرگەن، ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسىدىن (يەنى، ئۇنىڭ ئەت-تېنىدىن) ئۆتىدىغان شۇ يىپيېڭى، ھاياتلىق يولى بىلەن)
21 shundaqla Xudaning ailisini bashquridighan bizning ulugh kahinimiz bolghanliqi bilen,
شۇنداقلا خۇدانىڭ ئائىلىسىنى باشقۇرىدىغان بىزنىڭ ئۇلۇغ كاھىنىمىز بولغانلىقى بىلەن،
22 dillirimiz wijdandiki bulghunushlardin sépilish bilen paklan’ghan we bedinimiz sap su bilen yuyulghandek tazilan’ghan halda étiqadning toluq jezm-xatirjemliki we semimiy qelb bilen Xudagha yéqinlishayli!
دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!
23 Emdi étirap qilghan ümidimizde tewrenmey ching turayli (chünki wede Bergüchi bolsa sözide turghuchidur)
ئەمدى ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى (چۈنكى ۋەدە بەرگۈچى بولسا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر)
24 we méhir-muhebbet körsitish we güzel ish qilishqa bir-birimizni qandaq qozghash we righbetlendürüshni oylayli.
ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە گۈزەل ئىش قىلىشقا بىر-بىرىمىزنى قانداق قوزغاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.
25 Beziler adet qiliwalghandek, jamaette jem bolushtin bash tartmayli, belki bir-birimizni jékilep-ilhamlandurayli; bolupmu shu künining yéqinlashqanliqini bayqighininglarda, téximu shundaq qilayli.
بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.
26 Heqiqetni tonushqa nésip bolghandin kéyin, yenila qesten gunah ötküzüwersek, u chaghda gunahlar üchün sunulidighan bashqa bir qurbanliq bolmas,
ھەقىقەتنى تونۇشقا نېسىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق بولماس،
27 belki bizge qalidighini peqet soraq, shundaqla Xuda bilen qarshilishidighanlarni yep tügitishke teyyar turidighan yalqunluq otni qorqunch ichide kütüshla, xalas.
بەلكى بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق، شۇنداقلا خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى يەپ تۈگىتىشكە تەييار تۇرىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشلا، خالاس.
28 Emdi Musagha chüshürülgen Tewrat qanunini közge ilmighan herqandaq kishi ikki yaki üch guwahchining ispati bolsa, kengchilik qilinmayla öltürületti.
ئەمدى مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى كۆزگە ئىلمىغان ھەرقانداق كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسا، كەڭچىلىك قىلىنمايلا ئۆلتۈرۈلەتتى.
29 Undaqta, bir kishi Xudaning Oghlini depsende qilsa, Xudaning ehdisining qénigha, yeni özini pak qilghan qan’gha napak dep qarisa, shepqet qilghuchi Rohni haqaret qilsa, buningdin téximu éghir jazagha layiq hésablinidu, dep oylimamsiler?
ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنىڭ قېنىغا، يەنى ئۆزىنى پاك قىلغان قانغا ناپاك دەپ قارىسا، شەپقەت قىلغۇچى روھنى ھاقارەت قىلسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلىمامسىلەر؟
30 Chünki [Tewratta] «Intiqam Méningkidur, kishining qilmishlirini öz béshigha özüm yandurimen, deydu Perwerdigar» we «Perwerdigar Öz xelqini soraqqa tartidu» dégüchini bilimiz.
چۈنكى [تەۋراتتا] «ئىنتىقام مېنىڭكىدۇر، كىشىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ئۆزۈم ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنى بىلىمىز.
31 Menggü hayat Xudaning qollirigha chüshüp jazalinish neqeder dehshetlik ish-he!
مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە!
32 Emdi siler yorutulushtin kéyin, azab-oqubetlik, qattiq küreshlerge berdashliq bergen ashu burunqi künlerni ésinglarda tutunglar.
ئەمدى سىلەر ئاشۇ يورۇتۇلۇشتىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، قاتتىق كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بەرگەن بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.
33 Bezi waqitlarda reswa qilinip haqaretlesh we xarlinishlargha uchridinglar we bezi waqitlarda mushundaq muamililerge uchrighanlargha derddash boldunglar.
بەزى ۋاقىتلاردا رەسۋا قىلىنىپ ھاقارەتلەش ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار ۋە بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلارغا دەردداش بولدۇڭلار.
34 Chünki siler hem mehbuslarning derdige ortaq boldunglar hem mal-mülkünglar bulan’ghandimu, kelgüside téximu ésil hem yoqap ketmeydighan baqiy teelluqatqa ige bolidighanliqinglarni bilgechke, xushalliq bilen bu ishni qobul qildinglar.
چۈنكى سىلەر ھەم مەھبۇسلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار ھەم مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېسىل ھەم يوقاپ كەتمەيدىغان باقىي تەئەللۇقاتقا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلدىڭلار.
35 Shuning üchün, jasaritinglarni yoqatmanglar, uningdin intayin zor in’am bolidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىنئام بولىدۇ.
36 Chünki Xudaning iradisige emel qilip, Uning wede qilghinigha muyesser bolush üchün, sewr-chidam qilishinglargha toghra kélidu.
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغىنىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر-چىدام قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ.
37 Chünki [muqeddes yazmilarda] [Xuda] mundaq dégen: — «Peqet azghine waqittin kéyinla», «Kelgüchi derweqe yétip kélidu, U kéchikmeydu.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا] [خۇدا] مۇنداق دېگەن: ــ «پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا»، «كەلگۈچى دەرۋەقە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ كېچىكمەيدۇ.
38 Biraq heqqaniy bolghuchi étiqad bilen yashaydu; Lékin u keynige chékinse, Jénim uningdin söyünmeydu».
بىراق ھەققانىي بولغۇچى ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ؛ لېكىن ئۇ كەينىگە چېكىنسە، جېنىم ئۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ».
39 Halbuki, biz bolsaq keynige chékinip halak bolidighanlardin emes, belki étiqad bilen öz jénimizni igiligenlerdindurmiz.
ھالبۇكى، بىز بولساق كەينىگە چېكىنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد بىلەن ئۆز جېنىمىزنى ئىگىلىگەنلەردىندۇرمىز.

< Ibraniylargha 10 >