< Pétrus 2 3 >

1 I söyümlüklirim, hazir silerge bu yéziwatqinim ikkinchi xétimdur. Her ikki xétimde silerning sap könglünglarni oyghitip, shu ishlarni eslitishke intildimki,
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ھازىر سىلەرگە بۇ يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە سىلەرنىڭ ساپ كۆڭلۈڭلارنى ئويغىتىپ، شۇ ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئىنتىلدىمكى،
2 muqeddes peyghemberler burun éytqan sözlerge we Rebbimiz hem Qutquzghuchimizning rosulliringlar arqiliq yetküzgen emrige köngül bölüshünglarni ötünimen.
مۇقەددەس پەيغەمبەرلەر بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرگە ۋە رەببىمىز ھەم قۇتقۇزغۇچىمىزنىڭ روسۇللىرىڭلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىگە كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنى ئۆتۈنىمەن.
3 Eng muhimi shuni bilishinglar kérekki, künlerning axirida özining hawayi-heweslirining keynige kiridighan, mesxire qilidighan mazaqchilar chiqip:
ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان مازاقچىلار چىقىپ:
4 «Qéni, Uning qaytip kélimen dégen wedisi?! Ata-bowilirimiz [ölümde] uxlap qalghandin taki hazirghiche hemme ishlar dunya apiride bolghan waqittiki bilen oxshash halette kétiwatidu» dep mesxire qilishidu.
«قېنى، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىمەن دېگەن ۋەدىسى؟! ئاتا-بوۋىلىرىمىز [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغاندىن تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە كېتىۋاتىدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.
5 Halbuki, ular eng qedimki zamanda Xudaning sözi bilen asmanlarning yaritilghanliqini we shuningdek yerning sudin chiqqan hem suning wasitisi bilen barliqqa kelgenlikini etey untuydu;
ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ سۆزى بىلەن ئاسمانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك يەرنىڭ سۇدىن چىققان ھەم سۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەتەي ئۇنتۇيدۇ.
6 shu amillarning wasitiliri bilen shu zamandiki dunya kelkündin gherq bolup yoqaldi.
شۇ ئامىللارنىڭ ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇ زاماندىكى دۇنيا كەلكۈندىن غەرق بولۇپ يوقالدى.
7 Emma hazirqi asmanlar bilen zémin oxshashla shu söz bilen ixlassiz ademler soraqqa tartilip halak qilinidighan ashu künde otta köydürülüshke saqlinip, ta shu künigiche halidin xewer élinip turidu.
ئەمما ھازىرقى ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئوخشاشلا شۇ سۆز بىلەن ئىخلاسسىز ئادەملەر سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشكە ساقلىنىپ، تا شۇ كۈنىگىچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرىدۇ.
8 Emdi i söyümlüklirim, shu ish neziringlardin qachmisunki, Rebge nisbeten bir kün ming yildek we ming yil bir kündektur.
ئەمدى ئى سۆيۈملۈكلىرىم، شۇ ئىش نەزىرىڭلاردىن قاچمىسۇنكى، رەبگە نىسبەتەن بىر كۈن مىڭ يىلدەك ۋە مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.
9 Reb Öz wedisini [orundashni] (bezilerning «kéchiktürdi» dep oylighinidek) kéchiktürgini yoq, belki héchkimning halak bolushini xalimay, hemme insanning towa qilishigha kirishini arzulap, silerge kengchilik qilip [waqitni sozmaqta].
رەب ئۆز ۋەدىسىنى [ئورۇنداشنى] (بەزىلەرنىڭ «كېچىكتۈردى» دەپ ئويلىغىنىدەك) كېچىكتۈرگىنى يوق، بەلكى ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىماي، ھەممە ئىنساننىڭ توۋا قىلىشىغا كىرىشىنى ئارزۇلاپ، سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىپ [ۋاقىتنى سوزماقتا].
10 Lékin Rebning küni xuddi oghrining kélishidek [kütülmigen waqitta] bolidu. U küni asmanlar shiddetlik güldürligen awaz bilen ghayib bolup, kainatning barliq qurulmiliri shiddetlik otta érip tügeydu; zémin we uningdiki pütkül nersilermu köyüp kétidu.
لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك [كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا] بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ.
11 Hemme nerse mana shundaq érip yoqilidighan yerde, siler qandaq ademlerdin bolushunglar kérek? — hayatinglarni pak-muqeddeslikte we ixlasmenlikte ötküzüp,
ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئېرىپ يوقىلىدىغان يەردە، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ ــ ھاياتىڭلارنى پاك-مۇقەددەسلىكتە ۋە ئىخلاسمەنلىكتە ئۆتكۈزۈپ،
12 Xudaning künini telmürüp kütüp, u künning tézrek kélishi üchün intilishinglar kérek emesmu? U künning kélishi bilen pütün asmanlar otta yoqap tügeydu we kainatning barliq qurulmiliri shiddetlik otta érip tügeydu.
خۇدانىڭ كۈنىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن ئىنتىلىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمانلار ئوتتا يوقاپ تۈگەيدۇ ۋە كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ.
13 Lékin biz bolsaq Uning wedisi boyiche, yéngi asman-zéminni intizarliq bilen kütmektimiz. U yer heqqaniyliqning makanidur.
لېكىن بىز بولساق ئۇنىڭ ۋەدىسى بويىچە، يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئۇ يەر ھەققانىيلىقنىڭ ماكانىدۇر.
14 Shuning üchün, ey söyümlüklirim, bu ishlarni kütüwatqanikensiler, [shu tapta] Xudaning aldida nuqsansiz we daghsiz, inaqliq-xatirjemlik ichide hazir bolup chiqishinglar üchün intilinglar.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، [شۇ تاپتا] خۇدانىڭ ئالدىدا نۇقسانسىز ۋە داغسىز، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ئىچىدە ھازىر بولۇپ چىقىشىڭلار ئۈچۈن ئىنتىلىڭلار.
15 we Rebbimizning sewr-taqitini nijat dep bilinglar, del söyümlük qérindishimiz Pawlusmu özige ata qilin’ghan danaliq bilen bu ishlar toghruluq silerge yazghan;
ۋە رەببىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتىنى نىجات دەپ بىلىڭلار، دەل سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسمۇ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان دانالىق بىلەن بۇ ئىشلار توغرۇلۇق سىلەرگە يازغان؛
16 barliq xetliridimu u bu ishlar heqqide toxtilidu. Uning xetliride chüshinish tes bolghan bezi ishlar bar; bu ishlarni telim almighan we tutami yoq kishiler muqeddes yazmilarning bashqa qisimlirini burmilighandek, burmilap chüshendüridu we shuning bilen öz béshigha halaket élip kélidu.
بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
17 Shuning bilen, i söyümlüklirim, [men éytqan] bu ishlarni aldin’ala bilgenikensiler, bu exlaqsizlarning sepsetliri bilen azdurulup, mustehkem turushunglarni yoqitip qoyushtin hoshyar bolunglar.
شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، [مەن ئېيتقان] بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ ئەخلاقسىزلارنىڭ سەپسەتلىرى بىلەن ئازدۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار.
18 Eksiche, [Xudaning] méhir-shepqitide hem Rebbimiz we Qutquzghuchimiz Eysa Mesihge bolghan bilishte dawamliq ösünglar. Uninggha hem hazir hem ashu ebed künigiche barliq shan-sherep mensup bolghay! Amin! (aiōn g165)
ئەكسىچە، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىدە ھەم رەببىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھگە بولغان بىلىشتە داۋاملىق ئۆسۈڭلار. ئۇنىڭغا ھەم ھازىر ھەم ئاشۇ ئەبەد كۈنىگىچە بارلىق شان-شەرەپ مەنسۇپ بولغاي! ئامىن! (aiōn g165)

< Pétrus 2 3 >

The Great Flood
The Great Flood