< Yuhanna 1 1 >

1 Ezeldin bar bolghüchi, özimiz anglighan, öz közlirimiz tikilip qarighan we qollirimiz bilen tutup silighan hayatliq Kalami toghrisida [silerge bayan qilimiz]
ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا [سىلەرگە بايان قىلىمىز]
2 (bu hayatliq bizge ayan bolup, biz uni körduq. Shuning bilen bu heqte guwahliq bérimiz hemde Ata bilen bille bolup, kéyin bizge ayan bolghan shu menggülük hayatni silerge bayan qilimiz) (aiōnios g166)
(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز) (aiōnios g166)
3 — silernimu biz bilen sirdash-hemdemlikte bolsun dep biz körgenlirimizni we anglighanlirimizni silerge bayan qilimiz. Bizning sirdash-hemdemlikimiz Ata we Uning Oghli Eysa Mesih bilendur.
ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر.
4 Silerning xushalliqinglar tolup tashsun dep, bularni silerge yéziwatimiz.
سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.
5 We biz Uningdin anglighan hem silerge bayan qilidighan xewirimiz mana shudurki, Xuda nurdur we Uningda héchqandaq qarangghuluq bolmaydu.
ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.
6 Eger biz Uning bilen sirdash-hemdemlikimiz bar dep turup, yenila qarangghuluqta yürsek, yalghan éytqan we heqiqetke emel qilmighan bolimiz.
ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
7 Lékin U Özi nurda bolghinidek bizmu nurda mangsaq, undaqta bizning bir-birimiz bilen sirdash-hemdemlikimiz bolup, Uning Oghli Eysa Mesihning qéni bizni barliq gunahtin paklaydu.
لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر-بىرىمىز بىلەن سىرداش-ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.
8 Eger gunahimiz yoq dések, öz özimizni aldighan bolimiz hemde bizde heqiqet turmaydu.
ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.
9 Gunahlirimizni iqrar qilsaq, U bizning gunahlirimizni kechürüm qilip, bizni barliq heqqaniysizliqtin pak qilishqa ishenchlik hem adildur.
گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.
10 Eger gunah qilmiduq dések, Uni yalghanchi qilip qoyghan bolimiz we Uning söz-kalami bizdin orun almighan bolidu.
ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.

< Yuhanna 1 1 >