< رىملىقلارغا 5 >

شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. 1
ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. 2
شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. 3
4
ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. 5
چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن [خۇدا] بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. 6
بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ 7
لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. 8
ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق [كېلىدىغان] غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. 9
چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى [ئوغلىنىڭ] ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! 10
بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز. 11
شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى 12
(چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. 13
شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى). ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ 14
ھالبۇكى، [خۇدانىڭ] شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى! 15
شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. 16
ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ! 17
شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. 18
بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 19
ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. 20
شۇنىڭدەك، گۇناھ [ئىنسانىيەتنىڭ] ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ [ئۇلارنى] ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. (aiōnios g166) 21

< رىملىقلارغا 5 >