< رىملىقلارغا 4 >

ئۇنداقتا، بىز [يەھۇدىيلارنىڭ] جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئېرىشكىنى توغرىسىدا نېمە دەيمىز؟ 1
ئەگەر ئىبراھىم ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭدا ماختانغۇدەك ئىش بولاتتى (بەرىبىر خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىش ھەققى يوق ئىدى). 2
چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ــ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېيىلىدۇ. 3
ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. 4
بىراق، ھېچ ئىش-ئەمەل قىلماي، پەقەت نومۇسسىز گۇناھكارلارنى ھەققانىي قىلغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ئېتىقادى ھەققانىيلىق دەپ ھېسابلىنىدۇ! 5
خۇدا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىماي، ھەققانىي دەپ ھېسابلىغان كىشىنىڭ بەختى توغرۇلۇق داۋۇت [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دېگەن: ــ 6
«ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! 7
پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!». 8
ئەمدى بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلارغىلا مەنسۇپ بولامدۇ، ياكى خەتنە قىلىنمىغانلارغىمۇ مەنسۇپ بولامدۇ؟ چۈنكى: «ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلاندى» دەۋاتىمىز. 9
ھەققانىيلىق قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ھېسابلاندى؟ خەتنە قىلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ياكى خەتنە قىلىنىشتىن كېيىنمۇ؟ ئۇ خەتنە قىلىنغان ھالدا ئەمەس، بەلكى خەتنە قىلىنمىغان ھالدا ھېسابلاندى! 10
ئۇنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغىنى بولسا، ئۇنى خەتنە قىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىقادى ئارقىلىق ئىگە بولغان ھەققانىيلىققا مۆھۈر بەلگىسى سۈپىتىدە بولغانىدى. دېمەك، ئۇ خەتنىسىز تۇرۇپ خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتىسى بولدى ــ ئۇلارمۇ [ئېتىقادى بىلەن] ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ! 11
ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر. 12
چۈنكى [خۇدانىڭ] ئىبراھىمغا ۋە نەسلىگە دۇنياغا مىراسخور بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدە بېرىشى ئىبراھىمنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلگىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىقتىن كەلگەن. 13
چۈنكى ئەگەر قانۇنغا ئىنتىلىدىغانلار مىراسخور بولىدىغان بولسا ئېتىقاد بىكار نەرسە بولۇپ قالاتتى، خۇدانىڭ ۋەدىسىمۇ يوققا چىقىرىلغان بولاتتى. 14
چۈنكى تەۋرات قانۇنى [خۇدانىڭ] غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى قانۇن بولمىسا، ئىتائەتسىزلىك دېگەن ئىشمۇ بولمايدۇ. 15
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ [پەقەت] ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى. 16
17
ھېچقانداق ئۈمىد قالمىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمىدتە ئېتىقاد قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «سېنىڭ نەسلىڭ [سان-ساناقسىز] بولىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغاندەك نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى بولدى. 18
ئۇ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، تېنىنى ئۆلگەن ھېسابلىسىمۇ، شۇنداقلا ئايالى ساراھنىڭمۇ بالىياتقۇسىنى ئۆلدى دەپ قارىسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادتا ئاجىزلاشمىدى؛ 19
خۇدانىڭ ۋەدىسىگە نىسبەتەن ئېتىقادسىزلىق قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمىدى، ئەكسىچە ئۇ ئېتىقادى ئارقىلىق كۈچەيتىلدى ۋە خۇدانى ئۇلۇغلىدى، 20
«ئۇ نېمىنى ۋەدە قىلغان بولسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگىدۇر» دەپ تولۇق ئىشەندۈرۈلدى. 21
شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى». 22
بۇ، «ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن سۆز يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ھېسابلىنىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان؛ [مەسىھ] بولسا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرۇلدى ۋە ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى. 23

< رىملىقلارغا 4 >