< رىملىقلارغا 10 >

قېرىنداشلار، يۈرەك ئىنتىزارىم، شۇنداقلا خۇداغا يېلىنىشىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈندۇر. 1
چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. 2
چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى تىكلەشكە تىرىشىپ، خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا بويسۇنمىدى. 3
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى. 4
چۈنكى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشتىن كەلگەن ھەققانىيلىق ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان؛ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار شۇ ئىشلىرىدىن ھاياتلىق تاپىدۇ». 5
لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») 6
ۋە ياكى «ھاڭ تېگىگە كىم چۈشەر؟» (يەنى «مەسىھنى ئۆلۈمدىن كىم قايتۇرار؟») ــ دېمىگىن». (Abyssos g12) 7
ئەمدى شۇ [ھەققانىيلىق] نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر. 8
دېمەك، «ئەيسانىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە قەلبىڭدە خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن»! 9
چۈنكى ئىنسان قەلبىدە ئېتىقاد قىلىش بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ، ئېغىزىدا ئېتىراپ قىلىش بىلەن نىجاتقا ئېرىشىدۇ. 10
مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك؛ «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ ھەربىرى ھەرگىز يەرگە قارىتىلماس». 11
چۈنكى بۇ جەھەتتە يەھۇدىيلار بىلەن گرېكلارنىڭ پەرقى يوق؛ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببى ھەممىنىڭ رەببىدۇر ۋە ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مول بايلىقلىرىنى ئايىمايدۇ. 12
چۈنكى: «كىمدىكىم رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلسا قۇتقۇزۇلىدۇ». 13
لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ 14
شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». 15
بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس. 16
شۇڭا ئېتىقاد خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ ۋە شۇ خەۋەر مەسىھ توغرۇلۇق سۆزدە ئاڭلىتىلىدۇ. 17
لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى». 18
يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار [شۇ خەۋەردىن] ۋاقىپ بولمىغانمىدۇ؟ ئالدى بىلەن، مۇسا [ئىسرائىلغا] مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ ««ھېچ خەلق ئەمەس» بولغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەردە ھەسەت قوزغايمەن، نادان بىر خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن». 19
كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئىنتايىن يۈرەكلىك ھالدا شۇ بېشارەتنى بېرىپ: ــ «ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈم كۆرۈندۈم» ــ دېدى. 20
لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ. 21

< رىملىقلارغا 10 >