< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 1 >

خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى دەپ چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتكە، مەسىھ ئەيسادا پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، «مۇقەددەس بەندىلىرىم» دەپ چاقىرىلغانلارغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يەرلەردە رەب ئەيسا مەسىھنىڭ (ئۇ ئۇلارغا ۋە بىزگە مەنسۇپ!) نامىغا نىدا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە سالام! 1
2
ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 3
خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 4
بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر، 5
خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك. 6
شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛ 7
ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛ 8
خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 9
ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ 10
چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. 11
دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. 12
ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟ 13
مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ 14
شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ. 15
دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. 16
چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [قۇربانلىقىنىڭ] كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. 17
چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر. 18
چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن». 19
ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ (aiōn g165) 20
چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. 21
چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ 22
ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ 23
ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر. 24
چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 25
چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ 26
بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ 27
ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. 28
ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. 29
ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ 30
شۇنىڭدەك [تەۋراتتا] پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!». 31

< كورىنتۇسلۇقلارغا 1 1 >