< ۋەھىي 4 >

ئاندىن مەن قارىۋىدىم، مانا، ئاسماندا بىر ئىشىك ئېچىقلىق تۇراتتى. مەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز ماڭا: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇلاردىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى كۆرسىتەي» دېدى 1
ۋە دەرھال مەن روھنىڭ ئىلكىدە بولدۇم؛ مانا، ئەرشتە بىر تەخت، تەختتە بىر زات ئولتۇراتتى. 2
تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. تەختنىڭ چۆرىسىنى زۇمرەتتەك بىر ھەسەن-ھۈسەن ئوراپ تۇراتتى. 3
تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە ئاق كىيىملەر بىلەن كىيىنگەن، باشلىرىغا ئالتۇن تاج تاقالغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال ئولتۇراتتى. 4
تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، تۈرلۈك ئاۋازلار ۋە گۈلدۈرمامىلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل كۆيۈپ تۇراتتى؛ بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. 5
تەختنىڭ ئالدى خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، سۈزۈك ئەينەك دېڭىزدەك ئىدى. تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋە تەختنىڭ چۆرىسىدە، ئالدى ۋە كەينى كۆزلەر بىلەن تولغان تۆت ھايات مەخلۇق تۇراتتى. 6
بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 7
تۆت ھايات مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ چۆرىسى ھەتتا ئىچ تەرىپىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى؛ ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماي: ــ «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدىمۇ بولغۇچى، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» ــ دېيىشەتتى. 8
ھايات مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت-شەۋكەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، (aiōn g165) 9
يىگىرمە تۆت ئاقساقال تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى، تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: ــ (aiōn g165) 10
«سەن، ئى پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-شۆھرەت ۋە قۇدرەتكە لايىقتۇرسەن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھەممىنى ياراتتىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىرادەڭ بىلەن مەۋجۇت ئىدى ۋە يارىتىلدى!» 11

< ۋەھىي 4 >