< زەبۇر 85 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. 1
خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. 2
سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. 3
ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 4
سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ 5
خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 6
بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! 7
تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن! 8
زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ 9
ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ 10
ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. 11
پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ، زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛ 12
ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! 13

< زەبۇر 85 >