< زەبۇر 84 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! 1
جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ 2
مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! 3
سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ. 4
كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ 5
يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ. 6
ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ. 7
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ. 8
قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن! 9
چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. 10
پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ 11
ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان! 12

< زەبۇر 84 >