< زەبۇر 81 >

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، ئاساف يازغان كۈي: ــ كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا كۈي ئېيتىپ ياڭرىتىڭلار، ياقۇپنىڭ خۇداسىغا شادلىنىپ تەنتەنە قىلىڭلار! 1
[For the Chief Musician. On an instrument of Gath. By Asaph.] Sing aloud to God, our strength. Make a joyful shout to the God of Jacob.
ناخشىنى ياڭرىتىپ، داپنى ئېلىپ، يېقىملىق چىلتار ھەم راۋابنى چېلىڭلار! 2
Raise a song, and bring here the tambourine, the pleasant lyre with the harp.
يېڭى ئايدا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بايرام-ھېيت كۈنىمىزدە ناغرا-سۇناي چېلىڭلار! 3
Blow the trumpet at the New Moon, at the full moon, on our feast day.
چۈنكى بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمە، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ بىر پەرمانىدۇر. 4
For it is a statute for Israel, an ordinance of the God of Jacob.
ئۇ مىسىر زېمىنىدا يۈرۈش قىلغانلىرىدا، (شۇ يەردە بىز چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق) ئۇ بۇنى يۈسۈپكە گۇۋاھ قىلىپ بەردى؛ 5
He appointed it in Joseph for a testimony, when he went out over the land of Egypt, I heard a language that I did not know.
ــ «ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن ساقىت قىلدىم، ئۇنىڭ قولى سېۋەت كۆتۈرۈشتىن ئازاد بولدى؛ 6
"I removed his shoulder from the burden. His hands were freed from the basket.
قىستاقچىلىقتا نىدا قىلدىڭ، مەن سېنى ئازاد قىلدىم؛ گۈلدۈرماما چىققان مەخپىي جايدىن ساڭا جاۋاب بەردىم؛ «مەرىباھ» سۇلىرى بويىدا سېنى سىنىدىم». سېلاھ. 7
You called in trouble, and I delivered you. I answered you in the secret place of thunder. I tested you at the waters of Meribah." (Selah)
ــ «تىڭشا، خەلقىم، مەن سېنى گۇۋاھلار بىلەن ئاگاھلاندۇرمەن؛ ئى ئىسرائىل، ماڭا قۇلاق سالساڭ ئىدى! 8
"Hear, my people, and I will testify to you, Israel, if you would listen to me.
ئاراڭدا يات ئىلاھ بولمىسۇن، يات ئەلدىكى ئىلاھقا باش ئەگمىگىن! 9
There shall be no strange god in you, neither shall you worship any foreign god.
سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن. 10
I am the LORD, your God, who brought you up out of the land of Egypt. Open your mouth wide, and I will fill it.
ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛ 11
But my people did not listen to my voice. Israel desired none of me.
شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى. 12
So I let them go after the stubbornness of their hearts, that they might walk in their own counsels.
ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى! 13
Oh that my people would listen to me, that Israel would walk in my ways.
ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تېزلا ئېگىلدۈرەر ئىدىم، قولۇمنى رەقىبلىرىگە بۇراپ، ئۇلارنى باسار ئىدىم. 14
I would soon subdue their enemies, and turn my hand against their adversaries.
پەرۋەردىگارغا نەپرەتلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا زەئىپلىشىپ بويسۇنار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شۇ ئاخىرىتى مەڭگۈگە بولاتتى؛ 15
The haters of the LORD would cringe before him, and their punishment would last forever.
ساڭا ئاش-بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىنى يېگۈزەر ئىدىم، بەرھەق، قورام تاشتىن ھەسەل ئاققۇزۇپ سېنى قاندۇرار ئىدىم». 16
And he would have fed him with the finest wheat, and satisfied you with honey from the rock."

< زەبۇر 81 >