< باتۇر ھاكىملار 16 >

ئاندىن شىمشون گازاغا باردى، ئۇ ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايالنى كۆرۈپ، كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلدى. 1
And Samson went from there to Gaza, and saw a prostitute there, and went in to her.
لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ: ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، [شەھەرنى] قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە: ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى. 2
And it was reported to the Gazites, saying, "Samson is here." They surrounded him, and lay in wait for him all night at the gate of the city, and were quiet all night, saying, "Wait until morning light, then we will kill him."
شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق-تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. 3
Now Samson rested until midnight, but got up at midnight and took hold of the doors of the gate of the city, and the two posts, and pulled them up, bar and all, and put them on his shoulders, and carried them up to the top of the mountain that is overlooking Hebron, and set them down there.
كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى. 4
It came to pass afterward, that he fell in love with a woman in the Valley of Sorek, whose name was Delilah.
بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى. 5
The lords of the Philistines came up to her, and said to her, "Entice him, and see in which his great strength lies, and by what means we may prevail against him, that we may bind him to afflict him; and we will each give you eleven hundred pieces of silver."
شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن: ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى. 6
Delilah said to Samson, "Please tell me where your great strength lies, and how you can be bound and subdued."
شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 7
Samson said to her, "If they bind me with seven green cords that were never dried, then shall I become weak, and be as another man."
شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى 8
Then the lords of the Philistines brought up to her seven green cords which had not been dried, and she bound him with them.
(دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى. 9
Now she had an ambush waiting in the inner room. She said to him, "The Philistines are on you, Samson." He broke the cords, as a string of tow is broken when it touches the fire. So his strength was not known.
بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. 10
Delilah said to Samson, "Look, you have mocked me, and told me lies: now please tell me with which you might be bound."
ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 11
He said to her, "If they only bind me with new ropes with which no work has been done, then shall I become weak, and be as another man."
شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. 12
So Delilah took new ropes, and bound him therewith, and said to him, "The Philistines are on you, Samson." The ambush was waiting in the inner room. He broke them off his arms like a thread.
بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا: ــ سەن ھازىرغىچە مېنى ئالداپسەن، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن؛ ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ــ سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دۇكاندىكى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ، ــ دېدى. 13
Delilah said to Samson, "Until now, you have mocked me and told me lies. Tell me how you might be bound." He said to her, "If you weave the seven braids on my head with the fabric and fasten them with the pin, then I will be weak as another man."
شۇنىڭ بىلەن [شىمشون ئۇخلىغاندا ئۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە تال چاچنى ئۆرۈش يىپ بىلەن قوشۇپ ئۆرۈپ]، قوزۇققا باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. شىمشون ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆرۈش يىپ بىلەن قوزۇقنى بىراقلا تارتىپ يۇلىۋەتتى. 14
So while he slept, Delilah took the seven braids on his head, and wove them with the fabric, and she fastened it with the pin, and said to him, "The Philistines are upon you, Samson." And he awoke from his sleep, and pulled away the pin of the loom and the fabric.
ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: ــ ماڭا كۆڭلۈڭ يوق تۇرۇپ، قانداقسىگە ساڭا ئاشىق بولدۇم، دەيسەن؟ سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئالداپ، كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ نەدىن بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭغۇ، ــ دېدى. 15
She said to him, "How can you say, 'I love you,' when your heart is not with me? You have mocked me these three times, and have not told me where your great strength lies."
ئۇنىڭ ھەركۈنى سۆزلىرى بىلەن ئۇنى قىستاشلىرى ۋە يالۋۇرۇشلىرى بىلەن شىمشوننىڭ ئۆلگۈدەك ئىچى پۇشتى ۋە شۇنداق بولدىكى، 16
It happened, when she pressed him daily with her words, and urged him, that his soul was troubled to death.
ئۇ كۆڭلىدىكى سىرىنى قويماي ئۇنىڭغا ئاشكارا قىلىپ: ــ مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ خۇداغا ئاتىلىپ نازارىي بولغىنىم ئۈچۈن، بېشىمغا ھەرگىز ئۇستىرا سېلىنىپ باقمىغان؛ ئەگەر مېنىڭ چېچىم چۈشۈرۈۋېتىلسە، كۈچۈم مەندىن كېتىپ، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى. 17
He told her all his heart, and said to her, "No razor has ever come on my head; for I have been a Nazirite to God from my mother's womb. If I am shaved, then my strength will go from me, and I will become weak, and be like any other man."
دىلىلاھ ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆڭلىدىكى ھەممە سىرىنى دەپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنى چارقىرىپ كېلىشكە ئادەم ماڭدۇرۇپ: ــ «بۇ قېتىم سىلەر يەنە بىر چىقىڭلار، چۈنكى شىمشون كۆڭلىدىكى ھەممە سىرنى ماڭا ئاشكارا قىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى قوللىرىغا كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ قېشىغا چىقتى. 18
When Delilah saw that he had told her all his heart, she sent and called for the lords of the Philistines, saying, "Come up this once, for he has told me all his heart." Then the lords of the Philistines went up to her, and brought the money in their hands.
ئاندىن دىلىلاھ ئۇنى ئۆز يوتىسىغا ياتقۇزۇپ، ئۇخلىتىپ قويۇپ، بىر ئادەمنى چاقىرىپ كىرىپ ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى چۈشۈرۈۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ شىمشوننىڭ بوزەك قىلىنىشىنى باشلىغۇچى بولدى. شىمشون كۈچىدىن كەتكەنىدى. 19
She made him sleep on her knees; and she called for a man, and shaved off the seven locks of his head; and he began to weaken, and his strength went from him.
ئۇ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېۋىدى، ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ: ــ مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىمقىدەك، بوشىنىپ كېتىمەن، دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن كەتكىنىنى بىلمەيتتى. 20
She said, "The Philistines are upon you, Samson." He awoke out of his sleep, and said, "I will go out as at other times, and shake myself free." But he didn't know that the LORD had departed from him.
شۇنىڭ بىلەن، فىلىستىيلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كۆزلىرىنى ئويۇپ، گازاغا ئېلىپ چۈشۈپ، ئۇنى مىس زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ، زىنداندا ئۇن تارتىشقا سالدى. 21
The Philistines seized him, and gouged out his eyes. And they brought him down to Gaza, and bound him with bronze shackles, and he ground at the mill in the prison.
لېكىن بېشىدىكى چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە ئۆسۈشكە باشلىدى. 22
However the hair of his head began to grow again after he was shaved.
كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۆز ئىلاھى بولغان داگون ئۈچۈن چوڭ بىر قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە ھەم تەبرىكلەپ شادلىنىشقا يىغىلدى. چۈنكى ئۇلار: ــ مانا، ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز بولغان شىمشوننى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ــ دېيىشتى. 23
The lords of the Philistines gathered them together to offer a great sacrifice to their god Dagon, and to celebrate; for they said, "Our god has delivered Samson our enemy into our hand."
خەلق شىمشوننى كۆرگەندە، ئۆز ئىلاھىنى داڭلاپ: ــ ئىلاھىمىز بولسا، يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغۇچىنى، ئادەملىرىمىزنى كۆپ ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەردى! ــ دېيىشتى. 24
When the people saw him, they praised their god; for they said, "Our god has delivered our enemy and the destroyer of our country, who has slain many of us, into our hand."
ئۇلار تازا شاد-خۇراملىق كەيپىگە چۆمۈپ: ــ شىمشون كەلتۈرۈلسۇن، ئۇ بىزگە بىر ئويۇن كۆرسىتىپ بەرسۇن، دېيىشتى؛ ئۇلار شىمشوننى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئويۇن كۆرسەتتى. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويغانىدى. 25
And it happened, when their hearts were merry, that they said, "Call for Samson, that he may entertain us." So they called for Samson out of the prison; and he performed before them. And they were striking him. And they set him between the pillars;
شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولىنى تۇتۇپ تۇرغان يىگىتكە: ــ مېنى قويۇۋەت، ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۈۋرۈكلەرنى سىلاپ، ئۇلارغا يۆلىنىۋالغىلى قويغايسەن، ــ دېدى. 26
and Samson said to the boy who held him by the hand, "Allow me to feel the pillars on which the house rests, that I may lean on them." And the boy did so.
ئۇ چاغدا ئۆي ئەر-ئاياللار بىلەن لىق تولغانىدى، فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇ يەردە ئىدى؛ ئۆگزىدىمۇ شىمشوننىڭ كۆرسىتىۋاتقان ئويۇنىنى كۆرۈۋاتقان تەخمىنەن ئۈچ مىڭچە ئەر-ئايال بار ئىدى. 27
Now the house was full of men and women; and all the lords of the Philistines were there. And there were on the roof about three thousand men and women watching while Samson performed.
شىمشون پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىپ: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، مېنى ياد قىلىپ پەقەت مۇشۇ بىر قېتىم ماڭا كۈچ ئاتا قىلغايسەن؛ ئى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆزۈمنىڭ ئىنتىقامىنى فىلىستىيلەردىن بىر يولىلا ئالغۇزغايسەن! ــ دېدى. 28
Samson called to the LORD, and said, "Lord GOD, please remember me, and please strengthen me only this once, God, that I may be at once avenged of the Philistines for my two eyes."
شىمشون شۇلارنى دەپ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئوتتۇرىدىكى ئىككى تۈۋرۈكنى تۇتۇۋالدى؛ بىرىنى ئوڭ قولى بىلەن، يەنە بىرىنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ، ئۇلارغا تايىنىپ تۇردى. 29
Samson took hold of the two middle pillars on which the house rested, and leaned on them, the one with his right hand, and the other with his left.
ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ [ئىتتىرىۋىدى]، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى. 30
Samson said, "Let me die with the Philistines." He bowed himself with all his might; and the house fell on the lords, and on all the people who were in it. So the dead that he killed at his death were more than those who he killed in his life.
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ بارلىق جەمەتى چۈشۈپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، زورېئاھ بىلەن ئەشتائولنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتىسى مانوئاھنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى. ئۇ يىگىرمە يىل ئىسرائىلغا ھاكىم بولغانىدى. 31
Then his brothers and all the house of his father came down, and took him, and brought him up, and buried him between Zorah and Eshtaol in the burial site of Manoah his father. He judged Israel twenty years.

< باتۇر ھاكىملار 16 >