< يەشۇئا 8 >

پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ سەن ھېچ قورقما، ھەم ھودۇقمىغىن. تۇرۇپ، بارلىق جەڭچىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ، ئايى شەھىرىگە چىققىن. مانا، مەن ئايىنىڭ پادىشاھى، خەلقى، شەھىرى ۋە زېمىنىنى قوشۇپ سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. 1
The LORD said to Joshua, "Do not be afraid, neither be dismayed. Take all the people of war with you, and arise, go up to Ai. Look, I have given into your hand the king of Ai, with his people, his city, and his land.
سەن يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ ئايى شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. پەقەت سىلەر بۇ قېتىم شەھەردىن ئولجا ۋە چارپايلارنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا پىستىرما قويغىن، ــ دېدى. 2
You shall do to Ai and her king as you did to Jericho and her king, except its spoil and its livestock, you shall take for a plunder for yourselves. Set an ambush for the city behind it."
شۇنىڭ بىلەن، يەشۇئا بىلەن ھەممە جەڭچىلەر قوزغىلىپ، ئايىغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقتى. يەشۇئا ئوتتۇز مىڭ باتۇر جەڭچىنى ئىلغاپ كېچىدە ئۇلارنى ماڭدۇردى 3
So Joshua arose, and all the people of war, to go up to Ai. Joshua chose thirty thousand men, the mighty men of valor, and sent them out by night.
ۋە ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «سىلەر ئاگاھ بولۇپ، شەھەردىن بەك نېرى كەتمەي شەھەرنىڭ كەينىدە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ، ھەممىڭلار بۆكتۈرمە ھۇجۇمغا تەييار تۇرۇڭلار. 4
He commanded them, saying, "Look, you shall lie in ambush against the city, behind the city. Do not go very far from the city, but all of you be ready.
مەن ئۆزۈم بىلەن قالغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ شەھەرگە يېقىن بارىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزغا چىقىپ ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز؛ 5
I, and all the people who are with me, will approach to the city. It shall happen, when they come out against us, as at the first, that we will flee before them.
ئۇلار جەزمەن بىزنىڭ كەينىمىزدىن قوغلايدۇ؛ ئۇلار: «ئىسرائىللار بالدۇرقىدەك ئالدىمىزدىن قېچىپ كەتتى» دەپ ئويلايدۇ، بىز ئۇلارنى ئازدۇرۇپ شەھەردىن يىراق ئېلىپ چىقىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچىمىز. 6
They will come out after us, until we have drawn them away from the city; for they will say, 'They flee before us, like the first time.' So we will flee before them,
ئۇ ۋاقىتتا سىلەر بۆكتۈرمىدىن قوپۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ شەھەرنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. 7
and you shall rise up from the ambush, and take possession of the city; for the LORD your God will deliver it into your hand.
شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۇ شەھەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋېتىڭلار. مانا، مەن سىلەرگە ئەمر بەردىم». 8
It shall be, when you have seized on the city, that you shall set the city on fire. You shall do this according to the word of the LORD. Look, I have commanded you."
يەشۇئا ئۇلارنى يولغا سالدى، ئۇلار بېرىپ بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئايىنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە سېلىپ ماراپ ئولتۇردى. يەشۇئا بولسا ئۇ كېچىسى خەلقنىڭ ئارىسىدا قوندى. 9
Joshua sent them out; and they went to set up the ambush, and stayed between Bethel and Ai, on the west side of Ai; but Joshua stayed among the people that night.
ئەتىسى سەھەر يەشۇئا قوپۇپ، خەلقنى يىغىپ تەكشۈردى؛ ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە خەلقنىڭ ئالدىدا ئايىغا قارشى ماڭدى. 10
Joshua rose up early in the morning, mustered the people, and went up, he and the elders, before the people to Ai.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە جەڭچىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ، شەھەرنىڭ ئالدىغا يېقىن بېرىپ، ئايىنىڭ شىمال تەرىپىدە چېدىر تىكتى. ئۇلار چۈشكەن جاي بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. 11
All the people, even the men of war who were with him, went up, and drew near, and came before the city, and camped on the north side of Ai. Now there was a valley between him and Ai.
يەشۇئا بەش مىڭچە ئادەمنى تاللاپ ئېلىپ بېرىپ، بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە بۆكتۈرمە تۇرغۇزغانىدى. 12
He took about five thousand men, and set them in ambush between Bethel and Ai, on the west side of the city.
شۇنداق قىلىپ، بارلىق خەلق، يەنى شەھەرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى بارگاھتىكى قوشۇن بىلەن غەرب تەرىپىدىكى پىستىرما قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ بۆلۈندى. شۇ كېچىسى يەشۇئا ئۆزى جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشتى. 13
So they set the people, even all the army who was on the north of the city, and their ambush on the west of the city; and Joshua went that night into the midst of the valley.
ئايىنىڭ پادىشاھى شۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شەھەردىكىلەر ئالدىراپ سەھەر قوپۇشتى؛ پادىشاھ بىلەن بارلىق خەلقى ئىسرائىل بىلەن سوقۇشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چىقتى. لېكىن پادىشاھنىڭ شەھەرنىڭ كەينىدىكى پىستىرما قوشۇندىن خەۋىرى يوق ئىدى. 14
And it happened, when the king of Ai saw it, that he hurried and rose up early, and the men of the city went out to engage them directly in battle, he and all his people, to the meeting place in front of the Arabah; but he did not know that there was an ambush against him behind the city.
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل بولسا ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن يېڭىلگەنگە سېلىپ، چۆل تەرەپكە قاچتى. 15
Joshua and all Israel made as if they were beaten before them, and fled by the way of the wilderness.
شەھەردە بار خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى؛ ئۇلار كېلىپ يەشۇئانى قوغلىغاندا، ئۇلار ئازدۇرۇلۇپ شەھەردىن يىراق قىلىندى. 16
All the people who were in the city were called together to pursue after them. They pursued Joshua, and were drawn away from the city.
ئايى بىلەن بەيت-ئەلنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلنى قوغلاشقا چىقمىغان ھېچبىر ئەر كىشى قالمىدى؛ ئۇلار شەھەرنى ئوچۇق قويۇپ، ھەممىسى ئىسرائىلنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى. 17
There was not a man left in Ai or Beth El who did not go out after Israel. They left the city open, and pursued Israel.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يەشۇئاغا: ــ قولۇڭدىكى نەيزىنى ئايىغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېۋىدى، يەشۇئا قولىدىكى نەيزىنى شەھەرگە قارىتىپ ئۇزاتتى. 18
The LORD said to Joshua, "Stretch out the javelin that is in your hand toward Ai, for I will give it into your hand." Joshua stretched out the javelin that was in his hand toward the city.
ئۇ قولىدىكى نەيزىنى ئۇزاتقان ھامان پىستىرمىدا ياتقانلار جايىدىن تېزلا چىقىپ، يۈگۈرگىنىچە شەھەرگە ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىپ شۇئان ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 19
The ambush arose quickly out of their place, and they ran as soon as he had stretched out his hand, and entered into the city, and took it. They hurried and set the city on fire.
ئايىنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا شەھەردىن ئاسمان-پەلەك ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆردى، يا ئۇ ياققا يا بۇ ياققا قاچايلى دېسە، ھېچ ھالى قالمىغانىدى؛ چۆل تەرەپكە قاچقان ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى. 20
When the men of Ai looked behind them, they saw, and look, the smoke of the city ascended up to heaven, and they had no power to flee this way or that way. The people who fled to the wilderness turned back on the pursuers.
يەشۇئا بىلەن بارلىق ئىسرائىل پىستىرما قوشۇننىڭ شەھەرنى ئېلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا شەھەردىن تۈتۈننىڭ ئۆرلەپ چىققىنىنى كۆرۈپ، يېنىپ كېلىپ، ئايىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگىلى تۇردى. 21
When Joshua and all Israel saw that the ambush had taken the city, and that the smoke of the city ascended, then they turned again, and killed the men of Ai.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرنى ئالغانلارمۇ شەھەردىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بەزىلىرى بۇ تەرەپتىن، بەزىلىرى ئۇ تەرەپتىن قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قويماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 22
The others came out of the city against them, so they were in the midst of Israel, some on this side, and some on that side. They struck them, so that they let none of them remain or escape.
ئۇلار ئايىنىڭ پادىشاھىنى تىرىك تۇتۇپ، يەشۇئانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 23
They captured the king of Ai alive, and brought him to Joshua.
ئىسرائىل دالادا ئۇچرىغان بارلىق ئايىلىقلارنى، يەنى ئۆزلىرىنى چۆلگىچە قوغلاپ كەلگەنلەرنى قىرىپ يوقاتقاندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يوقىتىلغانىدى)، بارلىق ئىسرائىل ئايىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. 24
And it came to pass when Israel had made an end of killing all the inhabitants of Ai in the plains, and on the mountain on the slope, where they pursued them, and they had all fallen by the edge of the sword until they were destroyed, then all Israel returned to Ai and struck it with the edge of the sword.
شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەر-ئاياللار، يەنى ئايىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مىڭ ئادەم ئىدى. 25
All that fell that day, both of men and women, were twelve thousand, even all the men of Ai.
چۈنكى يەشۇئا ئايىدا تۇرۇۋاتقان ھەممە ئادەم يوقىتىلمىغۇچە قولىدىكى ئۇزۇتۇپ تۇرغان نەيزىسىنى يىغمىغانىدى. 26
For Joshua did not draw back his hand, with which he stretched out the javelin, until he had utterly destroyed all the inhabitants of Ai.
ھالبۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بۇيرۇغان سۆزى بويىچە ئىسرائىللار شەھەردىكى چارپاي بىلەن ئولجىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدى. 27
Only the livestock and the spoil of that city Israel took for prey to themselves, according to the word of the LORD which he commanded Joshua.
ئاندىن يەشۇئا ئايى شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنى ئەبەدگىچە خارابىلىك دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ تاكى بۈگۈنگىچە ئۇ شۇنداق تۇرماقتا. 28
So Joshua burnt Ai, and made it a heap forever, even a desolation, to this day.
ئايىنىڭ پادىشاھىنى بولسا، ئۇ بىر دەرەخقە ئاستۇرۇپ، ئۇ يەردە كەچكىچە تۇرغۇزدى. كۈن پاتقاندا يەشۇئا ئەمر قىلىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇنى شەھەرنىڭ قوۋۇقىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئۈستىگە چوڭ بىر دۆۋە تاشنى دۆۋىلىۋەتتى؛ بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە تۇرماقتا. 29
He hanged the king of Ai on a tree until the evening, and at the sundown Joshua commanded, and they took his body down from the tree, and threw it at the entrance of the gate of the city, and raised a great heap of stones on it that remains to this day.
ئاندىن يەشۇئا ئېبال تېغىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا قۇربانگاھ ياسىدى. 30
Then Joshua built an altar to the LORD, the God of Israel, on Mount Ebal,
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ ئىسرائىلغا بۇيرۇغىنى بويىچە، مۇساغا نازىل قىلىنغان قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، قۇربانگاھ ھېچبىر تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزۈلمىگەن پۈتۈن تاشلاردىن ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە خەلق پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇپ تۇردى. 31
as Moses the servant of the LORD commanded the children of Israel, as it is written in the book of the law of Moses, "an altar of uncut stones, on which no man has touched with an iron tool." They offered burnt offerings on it to the LORD, and sacrificed peace offerings.
شۇ يەردە يەشۇئا ئۇنىڭ تاشلىرىنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مۇسا پۈتكەن قانۇننى كۆچۈرۈپ پۈتۈپ قويدى. 32
He wrote there on the stones a copy of the Law of Moses, which he wrote in the presence of the children of Israel.
ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى، ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرى، ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىملىرى، مەيلى مۇساپىرلار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغانلار بولسۇن، ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار بولغان لاۋىيلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ دەسلەپتە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى تىلەشكە خەلقنىڭ يېرىمى گەرىزىم تېغى ئالدىدا، يەنە بىر يېرىمى ئېبال تېغى ئالدىدا تۇردى. 33
All Israel, and their elders and officers, and their judges, stood on this side of the ark and on that side before the priests the Levites, who carried the ark of the LORD's covenant, the foreigner as well as the native; half of them in front of Mount Gerizim, and half of them in front of Mount Ebal, as Moses the servant of the LORD had commanded at the first, that they should bless the children of Israel.
ئاندىن يەشۇئا قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق قانۇندىكى ھەممە سۆزلەرنى، جۈملىدىن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرى ۋە لەنەت سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەردى. 34
Afterward he read all the words of the law, the blessing and the curse, according to all that is written in the book of the law.
يەشۇئا بۇلارنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا ئوقۇپ بەردى؛ مۇسانىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىدىن ھېچبىر سۆزنى قالدۇرمىدى. 35
There was not a word of all that Moses commanded, which Joshua did not read before all the assembly of Israel, with the women, the little ones, and the foreigners who were among them.

< يەشۇئا 8 >