< ھوشىيا 14 >

ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن. 1
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا [قۇربانلىقلار]»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار. 2
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ». 3
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى. 4
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان [كېدىر] دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛ 5
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان [كېدىرىنىڭكىدەك] بولىدۇ. 6
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى [ئاغزىدا قالغاندەك]، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ. 7
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!» 8
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. 9

< ھوشىيا 14 >