< مالاكى 3 >

ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 1
ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛ 2
ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ. 3
ئاندىن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ قۇربانلىق-ھەدىيىلىرى پەرۋەردىگارغا كونا زامانلاردىكىدەك، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك شېرىن بولىدۇ. 4
مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 5
چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن؛ شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر. 6
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ سىلەر بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇلارنى ھېچ تۇتمىغانسىلەر. مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «بىز قانداقمۇ قايتىپ كېلىمىز؟» ــ دەيسىلەر. 7
ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر! 8
سىلەر ئېغىر بىر لەنەتكە قالدىڭلار، چۈنكى ماڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ــ سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! 9
ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟ 10
شۇنداق بولغاندىلا مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇ توپرىقىڭلاردىكى مېۋىلەرنى ۋەيران قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ باغ-ئېتىزلىرىڭلاردىكى تال ئۈزۈملەر ۋاقىتسىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 11
ــ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى يېرىڭلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر زېمىن بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 12
ــ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ماڭا قاتتىق تەگدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر يەنە: «بىز سەن بىلەن قارشىلىشىدىغان نېمە سۆز قىلدۇق؟» ــ دەيسىلەر. 13
ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر، 14
ھەم شۇنىڭدەك: «تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز؛ رەزىللىك قىلغۇچىلار روناق تاپىدۇ؛ ئۇلار بەرھەق خۇدانى سىنايدۇ، بىراق قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» ــ دەيسىلەر. 15
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار [بۇنى ئاڭلاپ] پات-پات بىر-بىرى بىلەن مۇڭداشتى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى نەزىرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى. 16
ــ بۇ كىشىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە گۆھەرىمنى يىغقان كۈنىدە مېنىڭكى بولىدۇ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن خۇددى ئادەم ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا ئىچىنى ئاغرىتقاندەك ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن. 17
سىلەر قايتىپ كېلىسىلەر ۋە ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. 18

< مالاكى 3 >