< دانىيال 8 >

پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. 1
غايىبانە كۆرۈنۈشتە، ئۆزۈمنى ئېلام ئۆلكىسىدىكى شۇشان قەلئەسىدە كۆردۈم. كۆرۈنۈشتە مەن ئۇلاي چوڭ ئۆستىڭى بويىدا ئىدىم. 2
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، ئىككى مۈڭگۈزى بار بىر قوچقارنىڭ چوڭ ئۆستەڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئېگىز بولۇپ، بىر مۈڭگۈز يەنە بىرىدىن ئېگىز ئىدى؛ ئېگىزرەك بولغان مۈڭگۈز يەنە بىرسىدىن كېيىنرەك ئۆسۈپ چىققانىدى. 3
مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلەرگە ئۈسۈۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى ۋە ھېچكىم ھېچكىمنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزالمايتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى، بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. 4
مەن بۇ توغرۇلۇق ئويلاۋاتاتتىم، مانا، غەرب تەرەپتىن بىر تېكە پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەن ھالدا پۈتۈن جاھاننى كېزىپ يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا كۆرۈنەرلىك چوڭ بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىققانىدى. 5
ئۇ مەن دەسلەپ كۆرگەن ھېلىقى ئۆستەڭ بويىدا تۇرغان ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقارغا قاراپ قەھرى بىلەن شىددەتلىك ئېتىلدى. 6
مەن ئۇنىڭ قوچقارغا يېقىن كېلىپ، غەزەپ بىلەن قوچقارنى ئۈسۈپ ئىككى مۈڭگۈزىنى سۇندۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. قوچقارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك مادارى قالمىغانىدى، تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، دەسسەپ-چەيلىدى، تېكىنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم چىقمىدى. 7
تېكە بارغانسېرى ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئۇ خېلى كۈچىيىپ بولغاندا، چوڭ مۈڭگۈزى سۇنۇپ چۈشۈپ، ئەسلىدىكى جايىدىن ئاسماندىكى تۆت شامالغا قاراپ تۇرىدىغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆت مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. 8
بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. 9
ئۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتى، ساماۋىي قوشۇندىكىلەردىن ۋە يۇلتۇزلاردىن بىرمۇنچىسىنى يەرگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دەسسىدى 10
(ئۇ تولىمۇ مەغرۇرلىنىپ، ھەتتا ساماۋىي قوشۇننىڭ سەردارى بىلەن تەڭ بولماقچى بولۇپ، ئىبادەتخانىدا سەردارغا ئاتاپ كۈندىلىك قۇربانلىق سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھەمدە سەردارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى «مۇقەددەس جاي»نى ۋەيران قىلىۋەتتى. 11
ئاسىيلىق تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ خەلقى ۋە كۈندىلىك قۇربانلىق چوڭ مۈڭگۈزگە تاپشۇرۇلىدۇ). ئۇ ھەقىقەتنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. 12
كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. 13
ھېلىقى پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: ــ بۇ ئىشلار ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدىن كېيىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي» پاكىزلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ــ دېدى. 14
بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، مەنكى دانىيال ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلاۋاتقىنىمدا، مانا، ئالدىمدا ئادەمنىڭ قىياپىتىدە بىرسى پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى. 15
ئۇلاي ئۆستىڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن: ــ ئەي جەبرائىل، بۇ ئادەمگە غايىبانە ئالامەتنى چۈشەندۈرۈپ بەر، ــ دېگەن بىر ئادەمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 16
[جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى. 17
ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ 18
«مەن ھازىر ساڭا [خۇدانىڭ] غەزىپى كەلگەن مەزگىلدە كېيىنكى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەت زامانلارنىڭ بېكىتىلگەن ئاخىرقى نۇقتىسى توغرىسىدىدۇر. 19
سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 20
ياۋا تېكە بولسا گرېتسىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك مۈڭگۈز بولسا، ئۇنىڭ بىرىنچى پادىشاھىدۇر. 21
ئۇ مۈڭگۈز سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىدىن ئۆسۈپ چىققان ھېلىقى تۆت مۈڭگۈز بۇ ئەلنىڭ تۆت پادىشاھلىققا بۆلۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈچى بىرىنچى پادىشاھلىققا يەتمەيدۇ. 22
بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھى توشۇشى بىلەن تولىمۇ نومۇسسىز، چىگىش مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. 23
ئۇنىڭ كۈچى خېلى زور بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ كۈچ ئۆزلۈكىدىن چىقمايدۇ؛ ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى جەزمەن ئوڭۇشلۇق بولۇپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ۋە [خۇدانىڭ] مۇقەددەس مۆمىن خەلقىنى يوقىتىدۇ. 24
ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ. 25
ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر». 26
مەنكى دانىيال ماغدۇرۇمدىن قېلىپ، بىرنەچچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم. كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنىلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدا بولدۇم. لېكىن بۇ غايىبانە ئالامەت كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشەلەيدىغان ئادەم يوق ئىدى. 27

< دانىيال 8 >