< دانىيال 7 >

بەلشازار بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى دانىيال ئورنىدا يېتىپ چۈشىدە بىرنەچچە غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆردى. ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق يەكۈنلەپ خاتىرىلىۋالدى: ــ 1
كېچىدە كۆرگەن غايىبانە كۆرۈنۈشتە مەنكى دانىيال شۇنى كۆردۈمكى، ئاسماننىڭ تۆت تەرىپىدىن شامال چىقىپ، «ئۇلۇغ دېڭىز» يۈزىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. 2
دېڭىزدىن شەكىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت زور مەخلۇق چىقتى. 3
بىرىنچى مەخلۇق شىرغا ئوخشايتتى، لېكىن بۈركۈتنىڭ قانىتى بار ئىدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىمدا، قاناتلىرى يۇلۇندى؛ ئاندىن ئۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى پۇتى يەرگە دەسسىتىلىپ ئادەمدەك تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانىي بىر قەلب بېرىلدى. 4
مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى. 5
قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا يەنە بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى، دۈمبىسىدە قۇشنىڭكىدەك تۆت قانىتى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ بېشى تۆت ئىدى. ئۇنىڭغا ھاكىملىق ھوقۇقى بېرىلدى. 6
ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە قاراپ تۇرغىنىمدا، مانا تۆتىنچى بىر مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئاجايىب كۈچلۈك ئىدى. ئۇ يوغان تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، قالدۇقىنى پۇتلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى بارلىق مەخلۇققا ئوخشىمايتتى؛ ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. 7
مەن بۇ مۈڭگۈزلەرنى كۆزىتىۋاتقىنىمدا، مانا مۈڭگۈزلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۈڭگۈزلەردىن ئۈچى يۇلۇۋېتىلدى. بۇ كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمنىڭكىدەك كۆزى ۋە چوڭ سۆزلەيدىغان ئاغزى بار ئىدى. 8
مەن قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ يەرگە بىرنەچچە تەختنىڭ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلارنىڭ بىرىدە، «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق، چاچلىرى ئاپئاق قوزا يۇڭىدەك ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان يالقۇنلار بولۇپ، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت چاقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. 9
ئۇنىڭ ئالدىدىن گويا راۋان ئېقىپ تۇرغان دەريادەك ئوت يالقۇنى لاۋۇلداپ ئېقىپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ خىزمىتىدە تۇرغۇچىلار تۈمەن مىڭلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈز مىليونلىغان ھازىر تۇرغۇچىلار بار ئىدى. سوراق باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، دەستۇرلار ئېچىلدى. 10
ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈزنىڭ يوغان گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئاۋازىدىن دىققىتىم شۇنىڭغا تارتىلىپ قاراپ تۇراتتىم. قاراپ تۇرغىنىمدا، تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ جەسىتى ھالاك قىلىنىپ، ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇلدى. 11
قالغان ئۈچ مەخلۇق بولسا، ھاكىمىيىتىدىن مەھرۇم قىلىندى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆمرى يەنە بىر مەزگىل ئۇزارتىلدى. 12
كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى. 13
ھەر ئەل-يۇرت، ھەر تائىپە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ، سەلتەنەت، شۆھرەت ۋە پادىشاھلىق ھوقۇقى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇنىڭ سەلتەنىتى مەڭگۈ سولاشماس سەلتەنەتتۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ ھالاك قىلىنماس. 14
مەنكى دانىيالنىڭ ۋۇجۇدۇم، دىل-روھىم بەك بىئاراملىققا چۆمدى، كاللامدىكى غايىبانە ئالامەتلەر مېنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلدى. 15
مەن يېقىن تۇرغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بۇ غايىبانە ئالامەتلەرنىڭ ھەقىقىتى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ ماڭا تەبىر بېرىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ــ 16
«بۇ تۆت زور مەخلۇق كەلگۈسىدە دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆت پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. 17
لېكىن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە شۇنداق بولىدۇ». 18
مەن باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان تۆتىنچى مەخلۇق، يەنى زور قورقۇنچلۇق، تۆمۈر چىشلىق، مىس تىرناقلىق، ئوۋنى چايناپ ئېزىپ يۇتۇپ، ئاندىن قالدۇقلىرىنى ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ-چەيلەيدىغان ھېلىقى مەخلۇق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى، 19
شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون مۈڭگۈزىنىڭ ۋە كېيىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق بىلمەكچى بولدۇم ــ ئۇنىڭ، يەنى ھېلىقى كىچىكىنىڭ ئالدىدا ئەسلىدە بار بولغان باشقا ئۈچ مۈڭگۈز يۇلۇۋېتىلگەن، كۆزلىرى ۋە يوغان گەپ قىلىدىغان ئاغزى بار بولۇپ، ئەنە باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىدى. 20
قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ كىچىك مۈڭگۈز خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى؛ 21
«ئەزەلدىن بار بولغۇچى» كەلگەندە، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەن ۋاقتى كېلىپ، [خۇدانىڭ] مۇقەددەس بەندىلىرى پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالدى. 22
[تەبىر بەرگۈچى] چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دېدى: ــ «تۆتىنچى مەخلۇق كەلگۈسى دۇنيادا باش كۆتۈرىدىغان تۆتىنچى بىر پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى يۇتۇپ، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. 23
ئون مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن چىقىدىغان ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن يەنە بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ئىلگىرىكى پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. 24
ئۇ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قارشى كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇ كالېندارنى، ھېيت-ئايەملەرنى ۋە مۇقەددەس قانۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى قەستلەيدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى «ئۈچ يېرىم ۋاقىت» ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرۇلىدۇ. 25
ئاندىن خۇدانىڭ سوتى ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىدۇ. 26
لېكىن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى، يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى پادىشاھلىقلارنىڭ سەلتەنىتى ۋە شۆھرىتى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە، يەنى خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈ بىر پادىشاھلىقتۇر، دۇنيادىكى پۈتۈن ھۆكۈمدارلار ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ». 27
بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنكى دانىيال، ئۆز ئويلىرىم ئۆزۈمنى ئالاقزادە قىلدى، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. بىراق بۇ ئىشنى قەلبىمدە پۈكۈپ ساقلىدىم. 28

< دانىيال 7 >