< كولوسسىلىكلەرگە 4 >

سىلەر خوجايىنلار، قۇللىلىرىڭلارغا ئادىل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى ئەرشتە ئۆز خوجايىنىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر. 1
دۇئا-تىلاۋەتكە ھەرقانداق ۋاقىتتا بېرىلىڭلار، بۇنىڭدا رەھمەتلەر ئېيتىشىپ ھوشيار تۇرۇڭلار؛ 2
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەركى، خۇدا بىزگە مەسىھنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئۆز سۆزىگە ئىشىك ئاچسۇن؛ مەن دەل سىر ئۈچۈن زەنجىرلەر بىلەن باغلانغانمەن؛ 3
شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، سىرنى ئاشكارىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. 4
سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار. 5
سىلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەردائىم مېھىر-شەپقەت بىلەن بولسۇن، تۇز بىلەن تېتىتىلسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىر ئادەمگە قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىسىلەر. 6
سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار، ئىشدىشىمىز بولغان تىكىكۇس سىلەرگە مەن توغرۇلۇق ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 7
مەن ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىۋېلىشى ۋە شۇنداقلا كۆڭلۈڭلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىشى ئۈچۈندۇر. 8
مەن ئۆزى سىلەردىن بولغان، سادىق ۋە سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ئونېسىمۇسنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتتىم؛ ئۇلار سىلەرگە مۇشۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 9
تۈرمىدىشىم بولغان ئارىستارخۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ بارناباسنىڭ نەۋرى ئىنىسى ماركۇسمۇ شۇنداق (سىلەر ئۇنىڭ توغرۇلۇق تاپشۇرۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭلار؛ ئۇ يېنىڭلارغا كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار)؛ 10
يۇستۇس دەپ ئاتالغان يەشۇئامۇ سالام يوللايدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ماڭا خىزمەتداش بولغان سۈننەت قىلىنغانلاردىن پەقەت مۇشۇلار باردۇر؛ ئۇلار ماڭا تەسەللى بولغان. 11
سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ. 12
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا گۇۋاھچىمەنكى، ئۇ سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىئادىكىلەر ئۈچۈن ۋە خېيراپولىستىكىلەر ئۈچۈنمۇ كۆپ جاپا تارتىدۇ. 13
سۆيۈملۈك تېۋىپ بولغان لۇقادىن سىلەرگە سالام، دېماستىنمۇ شۇنداق. 14
لائودىكىئادىكى قېرىنداشلارغا بىزدىن سالام، نىمفاغا ھەم ئۇنىڭ ئۆيىدە يىغىلىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتىڭلار. 15
بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلغاندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى لائودىكىيىدىكى جامائەتتىمۇ ئوقۇتۇڭلار، ۋە لائودىكىيەدىكىلەرگە يازغان خەتنى سىلەرمۇ ئوقۇڭلار؛ 16
ۋە ئاركىپپۇسقا: «سەن رەبدە تاپشۇرۇۋالغان خىزمىتىڭگە، تولۇق ئەمەل قىلىشىڭ ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن» ــ دەڭلار. 17
مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان سالام. مېنىڭ كىشەنلىنىپ قاماپ قويۇلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار. سىلەرگە مېھىر-شەپقەت بولغاي! 18

< كولوسسىلىكلەرگە 4 >