< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6 >

شۇ كۈنلەردە، مۇخلىسلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ، گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار يەرلىك ئىبرانىي قېرىنداشلارغا: ــ كۈندىلىك ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىنىشتا ئارىمىزدىكى تۇل ئاياللار ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. 1
شۇڭا، ئون ئىككىيلەن پۈتكۈل مۇخلىسلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ بىزنىڭ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا بولمايدۇ. 2
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى نام-ئابرۇيى بار، مۇقەددەس روھقا ۋە دانالىققا تولغان يەتتە كىشىنى ئىلغاپ تاللاڭلار، ۋە بىز ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىمىز. 3
بىز بولساق، ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە سۆز-كالامنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېغىشلايمىز. 4
بۇ مەسلىھەت خالايىقنىڭ ھەممىسىنى خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان-ئىشەنچكە ۋە روھقا تولغان ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئادەمنى تاللىدى، ۋە يەنە فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسنى تاللاپ، 5
ئۇلارنى روسۇللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. روسۇللار ئۇلارنىڭ [بۇ خىزمەتنى قىلىشى ئۈچۈن] قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، دۇئا قىلىشتى. 6
ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى داۋاملىق تارقالدى؛ يېرۇسالېمدىكى مۇخلىسلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. نۇرغۇن كاھىنلارمۇ [مەسىھ] ئېتىقادىغا ئىتائەت قىلىشقا كىرىشىۋاتاتتى. 7
ۋە ئىستىپان [خۇدانىڭ] مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان بولۇپ، خەلق ئىچىدە كارامەتلەر ۋە زور مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. 8
بىراق «قۇللۇقتىن چىققان ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان سىناگوگتىكى بەزىلەر، يەنى كۇرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ۋە كىلىكىيە ھەم ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بەزى [يەھۇدىيلار] ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. 9
لېكىن ئۇلار ئۇ سۆز قىلغاندا ئۇنىڭدا بولغان دانالىق ۋە روھقا تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. 10
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ ئاغزىنى مايلاپ: ــ بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېگەننى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالدى. 11
ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ خالايىقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇتراتتى؛ ئاندىن ئىستىپاننىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. 12
ئۇلار ساختا گۇۋاھچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇنداق دېگۈزدى: ــ بۇ ئادەم بۇ مۇقەددەس جايغا ۋە تەۋرات قانۇنىغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتىن توختىمايدۇ. 13
چۈنكى بىز ئۇنىڭ ھېلىقى ناسارەتلىك ئەيسا توغرۇلۇق: «ئۇ بۇ جاينى ۋەيران قىلىدۇ ۋە مۇسا پەيغەمبەر بىزگە تاپشۇرغان ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. 14
كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ پەرىشتىنىڭكىدەك پارقىراق ئىكەنلىكىنى كۆردى. 15

< روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 6 >