< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 8 >

ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيەدىكى جامائەتلەرگە بېغىشلىغان مېھىر-شەپقىتىنى ئايان قىلماقچىمىز؛ 1
ئۇلار زور ئېغىر جاپا-مۇشەققەتتە سىنالغىنىدا، قاتتىق نامرات ئەھۋالدا ئېشىپ تاشقان شادلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوچۇق قوللۇقىنىڭ بايلىقى ئۇرغۇپ چىقتى؛ 2
چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ بارىچە، ھەتتا كۈچىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت قىلغانلىقىغا ئۆزۈم گۇۋاھ. ئۇلار ئىختىيارى بىلەن شۇنداق قىلىپ، 3
بىزدىن مۇقەددەس بەندىلەرگە شۇ ياردەمدە بولۇشنىڭ بەختىگە ۋە شېرىكلىكىگە مۇيەسسەر بولۇشنى قاتتىق ئۆتۈندى؛ 4
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈتكىنىمىزدەك ئەمەس، ئۈمىد قىلغىنىمىزدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى ئاۋۋال رەبگە، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىزگىمۇ بېغىشلىدى؛ 5
شۇڭا، تىتۇس سىلەردە [بۇ] مېھرىبانلىقنى باشلىغانىكەن، بىز تىتۇستىن سىلەرنى بۇنىڭغا نېسىپداش قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشقا ئۆتۈندۇق. 6
ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار. 7
مەن بۇ گەپ بىلەن سىلەرگە بۇيرۇق قىلماقچى ئەمەسمەن، بەلكى باشقىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئارقىلىق مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمەن. 8
چۈنكى سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىلىسىلەر ــ گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەرنى دەپ يوقسۇل بولدىكى، سىلەر ئۇنىڭ يوقسۇللۇقى ئارقىلىق بېيىتىلىسىلەر. 9
مەن بۇ توغرۇلۇق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن ــ بۇ سىلەرگە پايدىلىق، چۈنكى سىلەر ئالدىنقى يىلىلا ئىئانە قىلىشتا ۋە شۇنىڭغا ئىرادە باغلاشتا ياخشى باشلىدىڭلار. 10
ئەمدى ھازىر ئۇنى ئادا قىلىڭلار؛ قىزغىن ئىرادە باغلىغىنىڭلاردەك، بار دۇنيايىڭلار بىلەن شۇ ئىشقا ئەمەل قىلىڭلار. 11
چۈنكى [خەير-ساخاۋەتكە] بەل باغلىغۇچىغا نىسبەتەن، سوۋغىنىڭ خۇداغا يارىغۇدەك بولۇشى قولىدا يوققا ئەمەس، بەلكى قولىدا بارىغا باغلىقتۇر. 12
چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىمەن دەپ، ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار دېگىنىم ئەمەس، 13
سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، [كۈنلەرنىڭ بىرىدە] ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. 14
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى» دەپ يېزىلغاندەك بولغاي. 15
ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛ 16
چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سىلەرگە كۈچلۈك كۆيۈمى بولغاچقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يېنىڭلارغا باردى؛ 17
ئەمما بىز ئۇنىڭغا بارلىق جامائەتلەر ئارىسىدا خۇش خەۋەر خىزمىتىدە تەرىپلەنگەن قېرىنداشنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ 18
شۇنىڭدەك ئۇ پەقەت شۇ تەرەپتىلا ئەمەس، بەلكى جامائەتلەر تەرىپىدىن بۇ خەيرلىك ئىشتا بىزگە ھەمسەپەر بولۇشقا تاللىۋېلىنغانىدى. ئەمدى بىز بۇ خەير-ساخاۋەتنى بولسا، رەبنىڭ شان-شەرىپىنى ھەم ياردەمدىكى قىزغىنلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولىمىز؛ 19
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ مول سوۋغىنى مەسئۇل بولۇپ يەتكۈزۈشتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن تۆھمەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىمىز. 20
چۈنكى بىز پەقەت رەبنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ ئىشىمىزنى دۇرۇس قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. 21
بىز يەنە ئۇلار بىلەن بىللە كۆپ ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلانغان قېرىنداشنى ئەۋەتمەكچىمىز؛ ھازىر ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان زور ئىشەنچى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. 22
تىتۇس توغرۇلۇق سوئاللار بولسا ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە خىزمىتىڭلاردا بولغان ھەمكارىمدۇر؛ باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇلار جامائەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، مەسىھنىڭ شان-شەرىپىدۇر. 23
شۇڭا، جامائەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا مۇھەببىتىڭلارنىڭ ئىسپاتىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىلەردىن پەخىرلىنىشلىرىمىزنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىڭلار. 24

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 8 >