< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 7 >

ئەمدى بۇ ۋەدىلەرگە مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن، ئى سۆيۈملۈكلەر، ئۆزىمىزنى ئەتلەردىكى ھەم روھتىكى ھەرخىل پاسكىنىلىقتىن تازىلاپ، خۇدانىڭ قورقۇنچىدا ئۆزىمىزدە [ئايان قىلىنغان] پاك-مۇقەددەسلىكنى كامالەتكە يەتكۈزەيلى. 1
بىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر! بىز ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق، ھېچكىمنى نابۇت قىلمىدۇق، ھېچكىمدىن پايدىلانمىدۇق. 2
مۇشۇلارنى دەپ، سىلەرنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، سىلەر قەلبىمىزدىدۇرسىلەركى، بىز سىلەر بىلەن بىللە ئۆلۈشكە، سىلەر بىلەن بىللە ياشاشقا تەييارمىز. 3
سىلەرگە باغلىغان ئىشەنچىم زور، سىلەردىن بولغان پەخرىم زور؛ شۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەت-تەسەللىگە تولدۇرۇلدۇم، بارلىق جاپا-مۈشكۈلچىلىكلىرىمىزدە خۇشاللىقىم ئېشىپ تاشتى. 4
چۈنكى بەرھەق، ماكېدونىيەگە كىرگىنىمىزدىمۇ ئەتلىرىمىز ھېچ ئارام تاپالماي، ھەرتەرەپتىن قىسىلىپ قالدۇق؛ سىرتىمىزدا جېدەل-كۈرەشلەر، ئىچىمىزدە قورقۇنچلار بار ئىدى. 5
ئەمما چۈشكۈنلەرگە رىغبەت-تەسەللى بەرگۈچى خۇدا بىزگە تىتۇسنىڭ كېلىشى ئارقىلىق رىغبەت-تەسەللى بەردى؛ 6
تاپقان رىغبەت-تەسەللىمىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن تاپقان رىغبەت-تەسەللىسى ئارقىلىقمۇ بولدى؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ [بىزگە] زارىقىپ تەلمۈرگىنىڭلارنى، سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلارنى، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقۇڭلارنى ئېيتىپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ خۇشاللاندىم. 7
چۈنكى گەرچە مەن سىلەرنى خېتىم بىلەن ئازابلىغان بولساممۇ، مەن ھازىر ئۇنىڭدىن پۇشايمان قىلمايمەن؛ لېكىن ئەسلىدە مەن شۇ خېتىمنىڭ سىلەرنى ئازابلىغىنىنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلغانىدىم (ئەمەلىيەتتە، سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار قىسقىغىنە بىر مەزگىللا بولغان). 8
ئەمما ھازىر شادلىنىمەن ــ ئازابلانغىنىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى شۇ ئازابنىڭ سىلەرنى توۋا قىلدۇرغانلىقىدىن شادلىنىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ ئازابلىنىشىڭلار خۇدانىڭ يولىدا ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر بىزدىن ھېچ زىيان تارتمىدىڭلار. 9
چۈنكى خۇدانىڭ يولىدا بولغان ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىغان نىجاتقا باشلايدىغان توۋىغا ئېلىپ بارىدۇ؛ ئەمما بۇ دۇنيادىكى ئازاب-قايغۇ ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 10
چۈنكى مانا، دەل مۇشۇ ئىش، يەنى خۇدانىڭ يولىدا ئازابلىنىشىڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ ئەستايىدىللىق، ئۆزلىرىڭلارنى ئەيىبتىن نەقەدەر خالاس قىلىش، شۇنچە كۆپ غەزەپ، شۇنچە كۆپ قورقۇنچ، شۇنچە كۆپ تەقەززارلىق، شۇنچە كۆپ قىزغىنلىق ۋە جازالاشقا شۇنچە تەييار بولۇشنى ئېلىپ كەلدى! سىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبتىن خالاس بولۇشۇڭلارنى ئىسپاتلىدىڭلار. 11
ئەمدى سىلەرگە [شۇ] خەتنى يازغان بولساممۇ، ئۇ خەتنى زىيان-زەخمەت قىلغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، ياكى زىيان-زەخمەت قىلىنغۇچى كىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدا بىزگە بولغان كۆڭلۈڭلاردىكى قىزغىنلىقنىڭ ئاراڭلاردا ئايان بولۇشى ئۈچۈن يازدىم. 12
بۇ سەۋەبتىن بىز رىغبەت-تەسەللىگە ئېرىشتۇق. ۋە رىغبەت-تەسسەللىمىز ئۈستىگە بىز تىتۇسنىڭ خۇشاللىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ زور شادلاندۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ روھى سىلەر تەرىپىڭلاردىن يېڭىلاندى. 13
چۈنكى مەن سىلەر توغراڭلاردا بىرەر ئىشتا پەخىرلىنىپ ماختىغان بولسام، ئۇ ئىشتا ھېچ خىجىل قالدۇرۇلمىدىم؛ بەلكى سىلەرگە ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت بولغىنىدەك، بىزنىڭ تىتۇسقا سىلەرنى پەخىرلىنىپ ماختىشىمىزمۇ ھەقىقەت بولۇپ ئىسپاتلاندى. 14
ئۇ سىلەرنىڭ ئىتائەتمەنلىكىڭلارنى، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق ئەيمەنگەن ۋە تىترىگەن ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىنىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئىچ-باغرىدىكى مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ ئېشىپ تاشىدۇ. 15
مەن سىلەرگە ھەربىر ئىشتا ئىشەنچىم كامىل بولغانلىقىدىن شادلىنىمەن. 16

< كورىنتۇسلۇقلارغا 2 7 >