< تىموتىيغا 1 6 >

قۇللۇق بويۇنتۇرۇق ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھەر تەرەپتە ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 1
خوجايىنلىرى ئېتىقادچى بولسا، قۇللىرى: «بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئۇلارغا تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار دەل سادىق ئېتىقادچىلار ھەم سۆيۈملۈك بەندىلەردۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە جېكىلىگىن. 2
ئوخشىمىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان ۋە ساغلام سۆزلەرنى (يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى)، شۇنداقلا ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان كىشى بولسا، 3
ئۇنداقلار دەۋەقە كۆرەڭلەپ كەتكەن، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىندۇر. ئۇلار نىزا-مۇنازىرە پەيدا قىلىشقا ۋە گەپ تالىشىشقا ھېرىسمەن؛ بۇنداق ئىشلاردىن ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، رەزىل گۇمانخورلۇق ھاسىل بولىدۇ، 4
ھەمدە نىيىتى چىرىكلەشكەن، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر ئارىسىدا دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئىخلاسمەنلىكنى پايدا-تاپاۋەتنىڭ بىر يولى دەپ قارايدۇ. 5
دەرۋەقە، [خۇداغا] ئىخلاسمەن ۋە رازىمەن بولۇش غايەت زور پايدىدۇر. 6
چۈنكى بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىمۇ ئېلىپ كېتەلمەيمىز. 7
شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىك يېتەرلىك بولسىلا بۇلاردىن قانائەت قىلىمىز. 8
لېكىن باي بولۇشنى ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراپ، تۇزاققا ۋە شۇنداقلا ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا ۋە ھالاكەتكە چۆكتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەخمىقانە ھەم زىيانلىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ ئىلكىگە تېيىلىپ كېتىدۇ. 9
چۈنكى پۇلپەرەسلىك ھەرخىل رەزىللىكلەرنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر بۇنىڭغا ئىنتىلىشى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنى نۇرغۇن دەرد-قايغۇلار بىلەن سانجىدى. 10
ئەمما سەن، ئەي خۇدانىڭ ئادىمى، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق قاچ؛ ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىشەنچ-ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۆمىن-مۇلايىملىقنى ئىنتىلىپ قوغلا. 11
ئېتىقادتىكى گۈزەل كۈرەشتە كۈچەپ كۈرەش قىل. مەڭگۈلۈك ھاياتنى چىڭ تۇتقىن. سەن دەل بۇنىڭغا چاقىرىلدىڭ ھەمدە ئۇنىڭ يولىدا نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ ئېتىقادنىڭ گۈزەل شاھىتلىقىنى قىلدىڭ. (aiōnios g166) 12
ھەممىگە ھاياتلىق بېرىۋاتقان خۇدانىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا پونتىئۇس پىلاتۇسقا گۈزەل شاھىتلىقنى قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن مەسىھ ئەيسانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، 13
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا ئايان بولغۇچە، [خۇدانىڭ] بۇ ئەمرىگە ھېچ قۇسۇرسىز ۋە داغسىز ئەمەل قىلغىن. 14
15
‏ ئۇنىڭ ئايان بولۇشىنى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمىگۈچى، ئىنسان يېقىنلىشالمايدىغان نۇر ئىچىدە ياشايدىغان، ھېچكىم كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان مۇبارەكلەشكە لايىق بولغان بىردىنبىر ھۆكۈمران، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، رەبلەرنىڭ رەببى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئەبەدىلئەبەد كۈچ-قۇدرەت بولغاي، ئامىن! (aiōnios g166) 16
بۇ زاماندا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، تايانغۇسىز ئۆتكۈنچى بايلىققا ئەمەس، بەلكى بىز بەھرىمەن بولۇشقا ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن تولۇپ تاشقان ھالدا تەمىنلىگۈچى خۇداغا تايىنىپ ئۈمىد باغلاشنى تاپىلىغىن؛ (aiōn g165) 17
ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا [ھەقىقىي] باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن. 18
ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، ھەقىقىي ھاياتنى تۇتۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا بىر ئاساس-ئۇل بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. 19
ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان [ھەقىقەتلەرنى] قوغدا. ئۆزۈڭنى ئىخلاسسىز، قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە ئاتالمىش ئىلىمنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن نېرى تۇتقىن. 20
بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە [ئىلىمگە] ئېگىمەن دەپ جاكارلاپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. مېھىر-شەپقەت سىلەرگە يار بولغاي! 21

< تىموتىيغا 1 6 >