< تېسالونىكالىقلارغا 1 5 >

لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 1
چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش [تۇيۇقسىز] كېلىدۇ. 2
ئەمدى كىشىلەر «[دۇنيا] تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 3
لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 4
چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرى، كۈندۈزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ بىز كېچىگە تەۋە ياكى قاراڭغۇلۇققا مەنسۇپ ئەمەسمىز. 5
شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى. 6
چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. 7
بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛ 8
چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن. 9
ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى ــ مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى [ئۆلۈمدە] ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر. 10
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ [ئېتىقادىنى] قۇرۇڭلار. 11
ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. 12
بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 13
ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. 14
ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار. 15
ھەردائىم شادلىنىڭلار. 16
توختىماي دۇئا قىلىڭلار. 17
ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 18
روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. 19
ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار؛ 20
ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ [قولدىن بەرمەڭلار]. 21
يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار. 22
خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. 23
سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ. 24
قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 25
ھەممە قېرىنداشلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 26
مەن رەبدە سىلەرگە شۇنى جىددىي تاپىلايمەنكى، بۇ خەتنى [شۇ يەردىكى] ھەممە مۇقەددەس قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار! 27
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! 28

< تېسالونىكالىقلارغا 1 5 >