< Књига проповедникова 11 >

1 Баци хлеб свој поврх воде; јер ћеш га наћи после много времена.
نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن.
2 Раздели седморици и осморици; јер не знаш какво ће зло бити на земљи.
بىر ئۈلۈشنى يەتتە كىشىگە، سەككىزىگىمۇ بەرگىن؛ چۈنكى يەر يۈزىدە نېمە يامانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
3 Кад се напуне облаци, просипају дажд на земљу, и ако падне дрво на југ или на север, где падне дрво онде ће остати.
بۇلۇتلار يامغۇرغا تولغان بولسا، ئۆزلىرىنى زېمىن ئۈستىگە بوشىتىدۇ؛ دەرەخ شىمال تەرەپكە ئۆرۈلسە، ياكى جەنۇب تەرەپكە ئۆرۈلسە، قايسى تەرەپكە چۈشكەن بولسا، شۇ يەردە قالىدۇ.
4 Ко пази на ветар, неће сејати, и ко гледа на облаке, неће жети.
شامالنى كۆزىتىدىغانلار تېرىقچىلىق قىلمايدۇ؛ بۇلۇتلارغا قارايدىغانلار ئورما ئورمايدۇ.
5 Како не знаш који је пут ветру ни како постају кости у утроби трудне жене, тако не знаш дела Божијег и како твори све.
سەن شامالنىڭ يولىنى بىلمىگىنىڭدەك ياكى بويىدا بارنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ بالىياتقۇدا قانداق ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمىگىنىڭدەك، سەن ھەممىنى ياسىغۇچى خۇدانىڭ قىلغىنىنى بىلمەيسەن.
6 Из јутра сеј семе своје и увече немој да ти почивају руке, јер не знаш шта ће бити боље, ово или оно, или ће обоје бити једнако добро.
سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
7 Слатка је светлост, и добро је очима гледати сунце;
نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.
8 Али да човек живи много година и свагда се весели, па се опомене дана тамних како ће их бити много, све што је било биће таштина.
شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر!
9 Радуј се, младићу, за младости своје, и нека се весели срце твоје док си млад, и ходи куда те срце твоје води и куда очи твоје гледају; али знај да ће те за све то Бог извести на суд.
ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ.
10 Уклони дакле жалост од срца свог, и одрини зло од тела свог, јер је детињство и младост таштина.
ئەمدى كۆڭلۈڭدىن غەشلىكنى ئېلىپ تاشلا، تېنىڭدىن يامانلىقنى نېرى قىل؛ چۈنكى بالىلىق ۋە ياشلىقمۇ بىمەنىلىكتۇر.

< Књига проповедникова 11 >