< Књига проповедникова 10 >

1 Од мртвих мува усмрди се и поквари уље апотекарско, тако од мало лудости цена мудрости и слави.
خۇددى ئۆلۈك چىۋىنلەر ئەتتارنىڭ ئەتىرىنى سېسىتىۋېتىدىغاندەك، ئازراققىنە ئەخمەقلىق تارازىدا دانالىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتىنمۇ ئېغىر توختايدۇ.
2 Срце је мудром с десне стране, а лудом је с леве стране.
دانالىقنىڭ كۆڭلى ئوڭغا مايىل، ئەخمەقنىڭكى سولغا.
3 Безумник и кад иде путем, без разума је и казује свима да је безуман.
ئەخمەق كىشى ھەتتا يولدا مېڭىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى كەم بولغاچقا، ئۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئايان قىلىدۇ.
4 Ако се подигне на те гнев оног који влада, не остављај место своје, јер благост уклања велике грехе.
ھۆكۈمدارنىڭ ساڭا ئاچچىقى كەلسە، ئورنۇڭدىن ئىستېپا بەرمە؛ چۈنكى تىنچ-سەۋرىچانلىق خاتا-سەۋەنلىكتىن بولغان زور خاپىلىقنى تىنچىتىدۇ.
5 Има зло које видех под сунцем, као погрешка која долази од владаоца:
قۇياش ئاستىدا يامان بىر ئىشنى كۆردۇمكى، ئۇ ھۆكۈمداردىن چىققان بىر خاتا ئىشتۇر ــ
6 Лудост се посађује на највише место, и богати седе на ниском месту.
ئەخمەقلەر يۇقىرى مەنسەپتە، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بايلار پەس ئورۇندا ئولتۇرىدۇ؛
7 Видех слуге на коњима, а кнезови иду пешице, као слуге.
مەن قۇللارنىڭ ئاتقا مىنگەنلىكىنى، ئەمىرلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۇم.
8 Ко јаму копа, у њу ће пасти, и ко разваљује ограду, ујешће га змија.
ئورىنى كولىغان كىشى ئۇنىڭغا يىقىلىشى مۇمكىن؛ تامنى بۇزغان كىشىنى يىلان چېقىشى مۇمكىن؛
9 Ко одмиче камење, удариће се о њих, ко цепа дрва, није миран од њих.
تاشلارنى يۆتكىگەن كىشى تاش تەرىپىدىن يارىلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتۇن يارىدىغان كىشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
10 Кад се затупи гвожђе и оштрице му се не наоштре, тада треба више снаге; али мудрост може боље поправити.
پالتا گال بولسا، بىرسى تىغىنى بىلىمىسە، پالتىنى كۈچەپ چېپىشقا توغرا كېلىدۇ؛ بىراق دانالىق ئادەمنى ئۇتۇق-مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
11 Ако уједе змија пре бајања, ништа неће помоћи бајач.
يىلان ئوينىتىلماي تۇرۇپ، يىلانچىنى چاقسا، يىلانچىغا نېمە پايدا؟
12 Речи из уста мудрог љупке су, а безумног прождиру усне његове.
دانا كىشىنىڭ سۆزلىرى شەپقەتلىكتۇر؛ بىراق ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى يۇتىدۇ.
13 Почетак је речима уста његових лудост, а свршетак говору његовом зло безумље.
سۆزلىرىنىڭ بېشى ئەخمەقلىق، ئايىغى رەزىل تەلۋىلىكتۇر؛
14 Јер луди много говори, а човек не зна шта ће бити; и ко ће му казати шта ће после њега бити?
ئەمما ئەخمەق يەنىلا گەپنى كۆپەيتىدۇ. بىراق ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى كىم ئۇنىڭغا ئېيتالىسۇن؟
15 Луде мори труд њихов, јер не знају ни у град отићи.
ئەخمەقلەر جاپاسى بىلەن ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەتتا شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ بىلمەيدۇ.
16 Тешко теби, земљо, кад ти је цар дете и кнезови твоји рано једу!
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ بالا بولسا، ئەمىرلىرىڭ سەھەردە زىياپەت ئۆتكۈزسە، ھالىڭغا ۋاي!
17 Благо теби, земљо, кад ти је цар племенит и кнезови твоји једу на време да се поткрепе, а не да се опију.
ئى زېمىن، پادىشاھىڭ مۆتىۋەرنىڭ ئوغلى بولسا ۋە ئەمىرلىرىڭ كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقتىدا زىياپەت ئۆتكۈزسە، بۇ سېنىڭ بەختىڭ!
18 С лењости угибље се кров и с немарних руку прокапљује кућа.
ھۇرۇنلۇقتىن ئۆينىڭ تورۇسى غۇلاي دەپ قالىدۇ؛ قوللارنىڭ بوشلۇقىدىن ئۆيدىن يامغۇر ئۆتىدۇ.
19 Ради весеља готове се гозбе, и вино весели живе, а новци врше све.
زىياپەت كۈلكە ئۈچۈن تەييارلىنار، شاراب ھاياتنى خۇش قىلار؛ لېكىن پۇل ھەممە ئىشنى ھەل قىلار!
20 Ни у мисли својој не псуј цара, ни у клети, у којој спаваш, не псуј богатог, јер птица небеска однеће глас и шта крила има доказаће реч.
پادىشاھقا لەنەت قىلما، ھەتتا ئويۇڭدىمۇ تىللىما؛ ھۇجراڭدىمۇ بايلارنى تىللىما؛ چۈنكى ئاسماندىكى بىر قۇش ئاۋازىڭنى تارىتىدۇ، بىر قانات ئىگىسى بۇ ئىشنى ئايان قىلىدۇ.

< Књига проповедникова 10 >