< אֶל־הָרוֹמִיִּים 2 >

לכן אין לך התנצלות אתה בן אדם הדן תהיה מי שתהיה כי במה שתדין את חברך תחיב את נפשך באשר אתה הדן תעשה כמעשהו׃ 1
ئەمدى ئەي باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىنسان، كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر باھانە كۆرسىتەلمەيسەن؛ چۈنكى باشقىلار ئۈستىدىن قايسى ئىشتا ھۆكۈم قىلساڭ، شۇ ئىشتا ئۆز گۇناھىڭنى بېكىتىسەن. چۈنكى ئەي ھۆكۈمچى، سەن ئۆزۈڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن.
וידענו כי משפט אלהים כפי האמת על עשי אלה׃ 2
بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشى [مۇتلەق] ھەقىقەتكە ئاساسلانغاندۇر.
ואתה בן אדם הדן את אשר פעלו כאלה ועשית כמעשיהם התחשב להמלט ממשפט האלהים׃ 3
شۇڭا، ئى شۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغۇچى، شۇنداقلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچى ئىنسان، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن دەپ خىيال قىلامسەن؟
או התבוז לעתרת טובו ולחמלתו ולארך רוחו ולא תתבונן כי טובת האלהים תדריך אתך לתשובה׃ 4
ياكى خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنىڭ سېنى توۋا قىلىش يولىغا باشلايدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەي، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى، كەڭ قورساقلىقى ۋە سەۋر-تاقىتىنىڭ موللۇقىغا سەل قاراۋاتامسەن؟
ובקשי לבבך הממאן לשוב תצבר לך עברה אל יום עברת האלהים ועת הגלות צדקת משפטו׃ 5
ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن.
אשר ישלם לאיש כמעשהו׃ 6
خۇدا ھەركىمگە ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا ئىش كۆرىدۇ.
למתמידים בעשות הטוב ומבקשים את הכבוד וההדר ואת אשר איננו עבד יתן את חיי העולמים׃ (aiōnios g166) 7
ياخشى ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلىپ، شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە باقىيلىقنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ؛ (aiōnios g166)
ועל בני המרי ואשר לא ישמעו לאמת כי אם לעולה שמעו חרון אף וחמה׃ 8
لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛
צרה ומצוקה על כל נפש אדם עשה הרע על היהודי בראשונה וכן גם על היוני׃ 9
يامانلىق قىلىدىغان بارلىق جان ئىگىسىگە، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن كرېكلەرگە كۈلپەت ۋە دەرد-ئەلەم چۈشىدۇ؛
וכבוד והדר ושלום לכל עשה הטוב ליהודי בראשונה וכן גם ליוני׃ 10
بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ.
כי אין משא פנים עם האלהים׃ 11
چۈنكى خۇدادا ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش يوقتۇر.
כי כל אלה אשר חטאו בלי תורה גם בבלי תורה יאבדו ואשר חטאו בתורה גם על פי התורה ישפטו׃ 12
ــ چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەي گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمىسىمۇ، [ئەيىبكە ئۇچراپ] ھالاك بولىدۇ؛ تەۋرات قانۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ ھەربىرى بۇ قانۇن بويىچە سوراققا تارتىلىدۇ
כי לא שמעי התורה צדיקים לפני האלהים כי אם עשי התורה הם יצדקו׃ 13
(چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى ئاڭلىغانلار ئەمەس، بەلكى قانۇنغا ئەمەل قىلغۇچىلار ھەققانىي ھېسابلىنىدۇ.
כי הגוים אשר אין להם תורה בעשותם כדברי התורה מאליהם גם באין תורה הם תורה לנפשם׃ 14
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان ئەللىكلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، تەۋرات قانۇنى ئۇلاردا كۆرۈنگەن بولىدۇ.
בהראותם מעשה התורה כתוב על לבם ודעתם מעידה בהם ומחשבותם בקרבם מחיבות זאת את זאת או גם מזכות׃ 15
ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى ئۆز قەلبلىرىگە قانۇن تەلەپلىرىنىڭ پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىمۇ ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، ئوي-پىكىرلىرى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ ياكى ئۆزىنى ئاقلايدۇ)
ביום אשר ישפט האלהים את כל תעלמות בני האדם ביד ישוע המשיח כפי בשורתי׃ 16
ــ مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەرگە ئاساسەن خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە پۈككەن مەخپىي ئىشلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، [يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ].
הן אתה נקרא בשם יהודי ונשענת על התורה והתהללת באלהים׃ 17
سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ،
וידעת הראוי ובהיותך מלמד בתורה תבין בין טוב לרע׃ 18
قانۇندىن ئۆگىنىپ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ، ئېسىل بىلەن پەسنى پەرق ئەتكەن بولساڭ،
ובטחת בנפשך להיות מוליך העורים ואור להלכים בחשך׃ 19
تەۋرات قانۇنىدىن بىلىم ۋە ھەقىقەتنىڭ جەۋھىرىگە ئىگە بولدۇم دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارغا يول باشلىغۇچى، قاراڭغۇدا قالغانلارغا ماياك، نادانلارغا ئۆگەتكۈچى، گۆدەكلەرگە ئۇستاز دەپ ئىشەنگەن بولساڭ ــ
מיסר לחסרי לב ומורה הפתאים ויש לך צורת המדע והאמת בתורה׃ 20
ואתה אשר תורה אחרים את נפשך לא תורה אמרת לא תגנב והנך גנב׃ 21
ئەمدى سەن باشقىلارغا تەلىم بېرىسەنۇ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ ئوغرىلىق قىلماڭلار دەپ ۋەز ئېيتىسەنۇ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟
אמרת לא תנאף ואתה נאף תשקץ את האלילים ואתה גזל את הקדש׃ 22
«زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟
תתהלל בתורה ותנבל את האלהים בעברך את התורה׃ 23
تەۋرات قانۇنى بىلەن ماختىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇداغا داغ كەلتۈرەمسەن؟!
כי שם האלהים בגללכם מחלל בגוים כאשר כתוב׃ 24
خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ نامى تائىپىلەر ئارىسىدا كۇپۇرلۇققا ئۇچرىماقتا».
הן המילה מועילה אם תשמר את התורה אבל אם עבר אתה את התורה אז מילתך היתה לך לערלה׃ 25
تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭ خەتنە قىلىنمىغاندەك ھېسابلىنىدۇ.
לכן אם ישמר הערל את משפטי התורה הלא תחשב לו ערלתו למילה׃ 26
ئەمدى خەتنىسىزلەر قانۇننىڭ تەلەپلىگە ئەمەل قىلسا، گەرچە خەتنىسىز بولسىمۇ، خۇدا تەرىپىدىن خەتنىلىك ھېسابلانمامدۇ؟
והערל מלדה המקים את התורה הלא הוא ידין אתך אשר יש לך הכתב והמילה ועברת את התורה׃ 27
تەۋرات قانۇن دەستۇرىدىن خەۋەردار ۋە خەتنىلىك تۇرۇقلۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى، ئى يەھۇدىي، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان جىسمانىي خەتنىسىزلەر تەرىپىدىن سېنىڭ گۇناھىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتمامدۇ؟
כי לא הנראה מחוץ הוא היהודי ולא הנראה מחוץ בבשר היא המילה׃ 28
چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى [ھەقىقىي] يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ [ھەقىقىي] خەتنە دېگىلى بولمايدۇ،
כי אם אשר בפנים הוא יהודי ומילה היא אשר בלב כפי הרוח ולא כפי הכתב אשר לא מבני אדם תהלתו כי אם מאת האלהים׃ 29
روھىدا يەھۇدىي بولغىنى [ھەقىقىي] يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ.

< אֶל־הָרוֹמִיִּים 2 >