< מַעֲשֵׂי הַשְּׁלִיחִים 1 >

הן המאמר הראשון תאופילוס עשיתיהו על כל אשר החל ישוע לעשות וללמד׃ 1
ئى [ھۆرمەتلىك] تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى.
עד היום אשר לקח למרום אחרי צותו ברוח הקדש את השליחים אשר בחר בהם׃ 2
ואשר גם התיצב להם חי אחרי ענותו באתות רבות בהראותו אליהם ארבעים יום וידבר על מלכות האלהים׃ 3
ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛
ובאכלו לחם עמהם צוה אתם לבלתי סור מירושלים כי אם להוחיל להבטחת האב אשר שמעתם ממני׃ 4
ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار.
כי יוחנן הטביל במים ואתם תטבלו ברוח הקדש בקרוב אחרי הימים האלה׃ 5
چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر».
ויהי כאשר נאספו יחדו וישאלהו לאמר אדנינו המשיב אתה בעת הזאת את המלוכה לישראל׃ 6
روسۇللار [ئۇنىڭ بىلەن] جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى.
ויאמר אליהם לא לכם לדעת העתים והזמנים אשר יעד האב בשלטנו׃ 7
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق.
אבל תקבלו גבורה בבוא עליכם רוח הקדש והייתם עדי בירושלים ובכל יהודה ובשמרון ועד קצה הארץ׃ 8
بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.
ויהי כדברו זאת העלה והם ראים וישאהו ענן מנגד עיניהם׃ 9
ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.
ויביטו אחריו השמימה בעברו והנה שני אנשים לבושי בדים נצבים עליהם׃ 10
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ:
ויאמרו אתם אנשי הגליל מה תעמדו פה ועיניכם השמימה ישוע זה אשר לקח מאתכם השמימה כן בוא יבוא כאשר ראיתם אתו עלה השמימה׃ 11
ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى.
ויפנו וילכו ירושלימה מן ההר הנקרא הר הזיתים והוא קרוב לירושלים דרך תחום שבת׃ 12
ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.
ויבאו העירה ויעלו אל העליה אשר היו ישבים בה פטרוס ויעקב ויוחנן ואנדרי פילפוס ותומא בר תלמי ומתי יעקב בן חלפי ושמעון הקנא ויהודה בן יעקב׃ 13
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى.
כל אלה היו שקדים יחדו בלב אחד להתפלל ולהתחנן ועמהם הנשים ומרים אם ישוע וגם אחיו׃ 14
بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
ובימים האלה קם פטרוס בתוך התלמידים ומספר שמות הנקהלים יחד כמאה ועשרים ויאמר׃ 15
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:
אנשים אחים מן הצרך היה כי ימלא הכתוב ההוא אשר דבר מקדם רוח הקדש בפי דוד על יהודה אשר היה מוליך את תפשי ישוע׃ 16
ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى.
כי היה נמנה אתנו וזכה בגורל השרות הזה׃ 17
چۈنكى [يەھۇدا]مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە [خۇدانىڭ] بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى
והנה הוא קנה לו שדה במחיר הרשעה ויפל על פניו ארצה ויבקע בתוך וישפכו כל מעיו׃ 18
(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛
וגם נודעה זאת לכל ישבי ירושלים ויקרא בשפתם לשדה ההוא חקל דמא הוא שדה הדם׃ 19
بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر)
כי כתוב בספר תהלים תהי טירתו נשמה ואל יהי בה ישב ופקדתו יקח אחר׃ 20
چۈنكى زەبۇردا [يەھۇداغا] [قارىتىلغان] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ۋە: ــ «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!»
ועל כן מן הצרך כי מן האנשים האלה אשר התהלכו אתנו כל ימי היות אדנינו ישוע יוצא ובא לפנינו׃ 21
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا [پەيغەمبەر]دىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى.
החל מטבילת יוחנן עד יום הלקחו מאתנו כי אחד מהם יהיה לעד עמנו על קומו מן המתים׃ 22
ויעמידו שנים את יוסף הנקרא בר שבא והוא מכנה יוסטוס ואת מתיה׃ 23
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى:
ויתפללו ויאמרו אתה אדני היודע כל הלבבות הראה נא מן השנים האלה את האחד אשר בחרת בו׃ 24
ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن!
לקחת את גורל השרות הזה והשליחות אשר סר ממנה יהודה להלך אל מקומו׃ 25
ויפילו גורלות ויפל הגורל על מתיה ויספח אל עשתי עשר השליחים׃ 26
ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى.

< מַעֲשֵׂי הַשְּׁלִיחִים 1 >